مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«‹سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىقتۇر› ئىدىيەسى قىممەتنى ئاشۇرىدۇ» (مىكرو كۆرۈنۈش – باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى يىغىندا ئۆمەك-گۇرۇپپىلارنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى)

2021.03.06 18:47 مەنبە: خەلق تورى

  ۋاقتى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى

  كۈنتەرتىپ: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  «ئىلگىرى تېڭگىرنىڭ بۇلغىنىشى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئەتراپتىكى ئۆلكىلەر شۇ قۇملۇققا پاسكىنا سۇ تۆكەتتى، مەن بۇ مەسىلە ئۈچۈن مەخسۇس يوليورۇق بېرىپ، بۇلغىنىشنى توختىتىپ، تۈزەشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدىم.»

  ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم توختالدى.

  «چىلېچۇەن بويىدا، يىنشەن تېغى ئاستىدا، ئاسمان گۈمبەزگە ئوخشاش تۆت ئەتراپنى يېپىپ تۇرىدۇ....» شېئىردا دېيىلگەن مەنزىرە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوتلاقنىڭ بەزى يەرلىرىدە قارا، كۈل رەڭلەر يامراپ، يېشىللىقنى توسۇپ، كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇراتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ قاراپ چىقىش يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى چوڭ ئەندىزىسىگە قويۇپ ئويلىشىپ، ئىچكى موڭغۇلدىن «ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش»نى يەنە بىر قېتىم تاپىلىدى. ئۇ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:

  «تاغ-دەريا-ئورمان-ئېتىز-كۆل-ئوتلاق-قۇملۇق سىستېمىسىنى تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا، ‹قۇملۇق›نى قوشۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇشتا، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.»

  ۋەكىل جوۋ يىجې ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ داشىڭئەنلىڭ ئورمانچىلىق رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىلگىرى تاغ ئىچكىرىسىدىكى ئورمانلىقتا 30 يىل ياغاچ كەسكەن دەرەخ كەسكۈچى ئىدى. بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ سالاھىيىتى ئۆزگىرىپ، دەرەخ كەسكۈچىدىن ئورمان قوغدىغۇچىغا ئايلاندى، ھەرە، پالتا ئېلىشتىن گۈرجەك، جوتۇ ئالدىغان بولدى. ئۇ سۆزىدە باش شۇجىغا يېڭى «ئورمان سىمفونىيەسى»نى سۆزلەپ بەردى:

  «ئېلىك، قوڭۇر ئېيىقلار دائىم ئورمانچىلىق مەيدانى ۋە قوغداش-ئاسراش پونكىتىغا كېلىپ تۇرىدۇ. مۆلچەرىي ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئورمانلىق ۋە سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 615 مىليارد 974 مىليون يۈەنگە يېتىپ، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىقتۇر، دەيدىغان ئىدىيەدە بىر ئېنىق ھېسابات بولغان.»

  قويۇق باھار تۈسىدە، تاغ-دەريالار يېشىللىققا پۈركەندى. لاۋ جوۋنىڭ زوقلانغان ھالدا قىلغان «يېشىل ئورمان دېڭىزى» توغرىسىدىكى بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلىدى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

  «سىز دېگەن ئۇ ئېكولوگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بولسا، دەل يېشىل GDP ئۇقۇمىدۇر، يەنى، ئېكولوگىيەنىڭ ئۆزى بايلىقتۇر. بۇ يەردە دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتى بولۇپلا قالماي، يەنە يېشىللىقتىن نەپەس ئالىدىغان ئۆپكە ئېففېكتىمۇ بولىدۇ، ساياھەت ۋە ئورمان ئىقتىسادى قاتارلىقلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. ‹سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىقتۇر.› بۇ ئەمەلىيەتتە قىممەتنى ئاشۇرىدۇ.»

  بىر توپ كىشى ۋە بىر كەسىپنىڭ ئۆزگىرىشى ئەمەلىيەتتە دەۋرنىڭ ھەيۋەتلىك ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «دەرەخ كەسكۈچى»دىن «دەرەخكە قارىغۇچى»غىچە، سالاھىيىتىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشى دەل دۆلىتىمىز كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشىدۇر.

  لاۋ جوۋمۇ ئوخشاش ھېسسىياتتا بولدى. ئاشۇ چەكسىز ئورمان قارلىق دالىدا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرمەكتە. تاغلار كۆكىرىپ، سۇ، ئوت-چۆپلەر كۆپىيىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى ئۆزگەردى. كۆپچىلىك «يېڭى تەرەققىيات قارىشى» دېگەن بۇ سۆزگە قارىتا جانلىق، تەسىرلىك تەسىراتقا ئىگە بولدى.

  «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بولسا بىر پۈتۈن گەۋدىدۇر، ئۇنى جەزمەن تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك.» جۇڭگوغا نەزەر سالساق، «پۇرسەت» ۋە «ۋەزىيەت»كە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، «خەۋپ» بىلەن «پۇرسەت»نى دىيالېكتىكىلىق ئىگىلەش كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوبرازلىق ۋە تەسىر قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن ساقلىنىش، ئەلالىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىقتىدارنى ئۆزگەرتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ بىر نىشاندۇر، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  ۋاقىت مىقدار ئۆزگىرىش ئىچىدە جۇغلىنىپ، سۈپەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ