مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«مەن يۈشۇغا بەك كۆڭۈل بۆلىمەن» (مىكرو كۆرۈنۈش − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى يىغىندا ئۆمەك-گۇرۇپپىلارنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى)

خەلق گېزىتى مۇخبىرى دۇ شاڭزې

2021.03.08 17:11 مەنبە: خەلق تورى

  ۋاقتى: 7-مارت چۈشتىن كېيىن

  كۈنتەرتىپ: باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  ئون نەچچە يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش يۈشۇنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتتى. ئەمما ئاپەت كىشىلەرنى يىقىتالمىدى.

  ۋەكىل جاشى دوجيېنىڭ سۆزىدە بايان قىلىنغان «يېڭى يۈشۇ» خۇددى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدە ئېقىۋاتقان شېئىر دەرياسىغا ئوخشايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «سىز يۈشۇنى تىلغا ئالغىنىڭىزدا، مېنىڭ خاتىرەمنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز»، دېدى.

  «ئاپەتتىن كېيىن، مەن يۈشۇدىكى ئاپەت رايونىغا بارغان ئىدىم، شۇ چاغدا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان كەنتكە باردىم، ئۇ يەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى.»

  خارابىگە ئايلانغان ئاپەت رايونىدا، يولداش شى جىنپىڭ: «ئاپەتتىن كېيىن چوقۇم چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ، سىلەرنىڭ قەيسەرلىك روھىڭلار بولسىلا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلقنىڭ قوللىشى بولسىلا، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇرساقلا، كەلگۈسىدە چوقۇم بىر يېڭى يۈشۇ بارلىققا كىلىدۇ»، دېدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرى يۈشۇلۇقلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.

  «مەن يۈشۇغا بەك كۆڭۈل بۆلىمەن.» «كېيىن يۈشۇنىڭ قايتا قۇرۇش ئەھۋالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم. سىلەر ‹ئۈچ يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق 20 يىلدىن ئېشىپ كىتىش› دېگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇردىڭلار، مەن يۈشۇنىڭ تەرەققىياتىدىن خۇشال بولدۇم.»

  باش شۇجى بۈگۈنگە قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا، ئاممىنىڭ نېمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بارغاندا، مەن بەزى كىشىلەرنىڭ تاغقا چىقىپ كوردىسېپس دېگەن ئۆسۈملۈكنى كولاپ يەپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى، مېھمانخانىلارنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى، بىر نەچچە كۈننى ياخشى ئۆتكۈزۈۋالغىنى بىلەن، ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ يەنە نامرات تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم. ھازىر مەملىكەت خاراكتېرلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئەمدى سىلەر مۇشۇنداق نەتىجىلەرگە ئېرىشتىڭلار، ناھايىتى ياخشى بولدى. بولۇپمۇ سىز سۆزلەپ ئۆتكەندەك، كىشىلەر يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە پارتىيەنىڭ كۈچىنى كۆرۈپ، چىن كۆڭلىدىن پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بەرمەكچى بولدى.»

  يۈشۇنىڭ يېڭى قىياپىتى شۇنداقلا غەربىي رايوندىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىدۇر.

  خەيدۇڭ شەھىرى خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بەنيەن كەنتىدىكى ئەگرى-توقاي، تىك تاغ يولىدا كىشىلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ماڭدى، تاغدىكى كېسەك ئۆيلەر نەچچە ئون يىلغىچە رېمونت قىلىندى. ئويلىمىغان يەردىن، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرى شەھەرلىكلەر ھەۋەس قىلىدىغان ياخشى كۈنگە ئېرىشتى.

  خۇجۇ ناھىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىل ئا شېڭچىڭ سۆز قىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى: «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توكتا ئىسسىيدىغان كاڭى قانداق؟» دەپ سورىدى. نەچچە يىل ئىلگىرى تەكشۈرۈشكە بارغاندا، ئۇ يامغۇردىن كېيىنكى پاتقاقنى كېچىپ يېڭى كەنتكە بارغاندا، بۇنداق كاڭ يوق ئىدى.

  ئا شېڭچىڭ: «بىر قەدەر ئەرزان، بىر ئاخشامدا بىر كىلوۋات توك سەرپ بولىدۇ، نەچچە مو كېلىدۇ»، دپ جاۋاب بەردى.

  ئوت قالاپ ئىسسىتىدىغان كاڭ توك بىلەن ئىسسىيدىغان كاڭغا ئايلاندى. سۇ بىلەن يۇيۇلىدىغان ھاجەتخانىمۇ ياكى كارىزلىق ھاجەتخانىمۇ؟ كەشتىچىلىك كەسپى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قانداق كۈچ قوشتى؟ ھەر بىر ئىش، ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ، يۇرتداشلارنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ھال-ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسىلا، ھەممىسى باش شۇجى غەم قىلىدىغان چوڭ ئىشتۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چىڭخەيگە يەنە كېلىپ كۆرۈپ كېتىشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلىمىز! ئا شېڭچىڭ يۇرتداشلارغا ۋاكالىتەن باش شۇجىنى تەكلىپ قىلدى: «سىزنىڭ يۇرتىمىزغا يەنە كېلىپ، گۆش يەپ، ھاراق ئىچىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.»

  جۇڭگو زېمىنىدا، تاغ يەنىلا ئاشۇ تاغ، سۇ يەنىلا ئاشۇ سۇ، لېكىن ھەممىسى ئۆزگىرىۋاتىدۇ. «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلدۇق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.» پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان نەتىجىلەر ئاستىدا، ھەر بىر قەدەمدە خەلققە مەسئۇل بولۇش، تارىخقا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى نامايان قىلىندى.

  مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا، ھەر بىر قەدەم پۇختا بېسىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ