مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«پاش قىلغۇچىنىڭ تاياق يېيىشى» ئادالەتكە داغ چۈشۈرىدۇ

2021.02.09 20:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، خېنەن ئۆلكىسى فۇگوۋ ناھىيەسىدىكى بىر ئەرنىڭ شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىغا بىر كارخانىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بەرگەنلىكىنى نامسىز پاش قىلغانلىقتىن تاياق يېيىش ۋەقەسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. نۇرغۇن كىشىلەر پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى زادى كىم ئاشكارىلاپ قويدى، دەپ سوراشتى. يېقىندا، شۇ جاي تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغۇچى جوۋكوۋ شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى فۇگوۋ ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى مەلۇم ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى فامىلىلىك بولۇپ، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  پاش قىلغۇچىنىڭ تاياق يېيىشى ھەققانىيەتكە داغ چۈشۈردى. قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار ئالدىدا، پۇقرالارنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ پاش قىلىشى − ھەم ئۆزىنىڭ ھوقۇق ئېڭىنىڭ ئاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، ھەم دۆلەت ئورگانلىرىغا بولغان ئىشەنچىنى نامايان قىلىشى. بولۇپمۇ مۇھىت ئاسراش ساھەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەڭ ئاممىنى جەمئىيەتنى ئورتاق ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلغاندا، مۇھىت ئاسراش قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ چارلاپ تەكشۈرۈش كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، بۇ ھەم بۇلغىنىشنى تۈپتىن تۈزەشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى. بىراق پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، جىسمانىي بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، ئاممىنىڭ مۇھىت ئاسراش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىگە تەسىر يېتىپ، پاش قىلىش تۈزۈمى قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئۈنۈملۈك قوللىيالمايدۇ.

  پاش قىلغۇچىنى ياخشى قوغدىغاندىلا، ئاندىن ھەققانىيەتنى قوغدىغىلى بولىدۇ. پاش قىلغۇچىلار بارغانسېرى بىخەتەر ھېس قىلغاندىلا، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتتە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەققانىيەتنى ياقلىيالايدۇ. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش − پاش قىلغۇچىغا مەسئۇل بولغانلىق، شۇنداقلا پاش قىلىش خىزمىتى ۋە پۈتكۈل ئىجتىمائىي نازارەتچىلىك مېخانىزمىغا مەسئۇل بولغانلىقتۇر. شۇ جاينىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى ۋە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغۇچىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى ئىنتايىن زۆرۈر ھەم مۇھىم. لېكىن ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشنى بۇ باسقۇچتا توختىتىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ، يەنە پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش سەۋەبىنى چوڭقۇر قېزىپ، پاش قىلغۇچى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاش قىلىش ئۇچۇرىنىڭ مۇتلەق مەخپىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بىلەن قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنىڭ مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بىلەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار «بىر ئىشتاننى تەڭ كېيىش» ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇپ خەۋەر يەتكۈزگەنلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، قاتتىق جازالاش ھەيۋىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  كونىلاردا: «قۇدۇق قازغانلارنى ئۇسسۇزلۇقتا قالدۇرۇشقا بولمايدۇ» دېگەن گەپ بار. ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش ئىجتىمائىي ھەققانىيەتنى يۆلەشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاش قىلغۇچى چوقۇم قوغدىلىشى شەرت. پاش قىلغۇچىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئاممىنى نازارەت قىلىشقا قاتناشتۇرغان، نازارەت قىلىشقا جۈرئەت قىلدۇرغاندىلا، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىك ئاندىن كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ