ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى

2021.02.25 20:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ياخشى باشلىنىش بولدى. ئاشلىقنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئاشتى، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2010-يىلىدىكىدىن بىر قاتلاندى. يېڭى دەۋردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرى ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىپ، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، مۇتلەق نامراتلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق تۈگىتىلىپ، ئىنسانىيەت نامراتلىقنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە يارىتىلدى. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، يېزا ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، يېزا جەمئىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، يېزىلاردا پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ماس قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇللۇق رول ئوينىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە توختاۋسىز ئەھمىيەت بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى تامامەن توغرا، پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سىياسىتى مىليونلىغان دېھقاننىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

  «14-بەش يىل» مەزگىلى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل. مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن، يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشى شەرت. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساس يەنىلا يېزىلاردا. تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىسى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»دا بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»دا بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئېھتىياجىنى كېڭەيتىپ، شەھەر-يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق؛ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاساسىي تىرىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»دا بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئاساسىنى ياخشى ساقلاشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق قارىدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنى بىردەممۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن چىڭ، ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچى بىلەن يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەڭ دېھقانلارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (1) يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەش، بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي تېما قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا قۇرۇلۇشىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېزا-كەنتلەردىكى كەسپلەر، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىللەشنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش، ئېكولوگىيەلىك توسۇق، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سانائەت-يېزا ئىگىلىكى ئۆزئارا تۈرتكە بولىدىغان، شەھەر-يېزا ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللەنگەن يېڭىچە سانائەت-يېزا ئىگىلىكى، شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، دېھقانلارنىڭ باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى قەدەم ئېلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش لازىم.

  (2) نىشان-ۋەزىپە. 2021-يىلى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىدۇ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى مۇقىم بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئاشۇرۇلىدۇ، چوشقا بېقىش كەسپى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستىرىلىدۇ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن داۋاملىق تېز بولىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى سىجىل مۇستەھكەملىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسەت سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىپ، سىلىق ئۆتتى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، يېزا جەمئىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى.

  2025-يىلىغا بارغاندا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى قولايلاشتۇرۇشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ۋە رايونلارنىڭ جايلىشىشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى يېزا-كەنت كەسىپ سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، شارائىتى بار رايونلاردا يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالدى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقىنى سىجىل كىچىكلىتىش لازىم. يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېشىللاشتۇرۇشتا پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى سىجىل ئازايتىپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش لازىم. يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ قىياپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يېڭىدىن ئۆستۈرۈپ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش لازىم.

  ئىككىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش

  (3) تۇتاشتۇرۇش ئۆتكۈنچى مەزگىلىنى تەسىس قىلىش لازىم. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرگە قارىتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىپ، يار-يۆلەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ھازىرقى ئاساسلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ ھەم تۈرلەر بويىچە ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، رىتىم، سالماق ۋە ۋاقىت چېكىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قوللاشتىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا سىلىق ئۆتۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈرلۈك سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەتتە بوشلۇق قالدۇرماسلىق، سىياسەتتە بوشلۇق قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  (4) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش ۋە ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسان قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئاھالىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ-يۆلەپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش رايونلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باشقا جايغا كۆچۈرگەندىن كېيىن داۋاملىق ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىنىڭ يانداش ئۇل ئەسلىھەلىرى، كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ يانداش ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھەللىنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش تۈرى مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  (5) نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايوننىڭ خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم بېرىش-يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش كېرەك. تەشكىللىك ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش لازىم. ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىدىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدە ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان تېخىمۇ كۆپ ئاھالە ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردا بىر تۈركۈم رايون خاراكتېرلىك ۋە رايون ھالقىغان مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى نۇقتىلىق قۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيە، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. غەربىي رايوندىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەر ئىچىدە دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان، يۆلەيدىغان بىر تۈركۈم ناھىيەلەرنى بېكىتىپ مەركەزلىك قوللاش لازىم. جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بىر قىسىم ناھىيەلەرنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان ناھىيە قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قوللاش كېرەك. شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي كۈچلەر ياردەم بېرىش، يۆلەشكە قاتنىشىش قاتارلىق مېخانىزملاردا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (6) يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرگە دائىملىق ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىپ ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇش لازىم. يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىگە تەرەققىيات ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشىغا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قاتنىشىشىغا، ئىككى قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇس ئىچىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ھەمدە كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق مۇقىم كىرىمگە ئېرىشىشكە ئامالسىز بولغان نوپۇسلارغا قارىتا، ھازىرقى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئاساس قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ياكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش، بېقىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ھەمدە قىيىنچىلىق تۈرى بويىچە ۋاقتىدا مەخسۇس قۇتقۇزۇش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش

  (7) ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاشلىق بىخەتەرلىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كاپالىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە «كۆكتات»قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق، پاختا، ياغ، شېكەر، گۆش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىرلىك مەھسۇلات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى كەسىپ بەلبېغى قۇرۇش لازىم. ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق تېرىشنى مۇۋاپىق پايدىغا ئىگە قىلىش لازىم. شال، بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆممىقوناق، سېرىق پۇرچاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سورت يېتىشتۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىلوس قونىقى قاتارلىق سۈپەتلىك ئوت-چۆپ، يەم-خەشەكلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، سېرىق پۇرچاق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ قىچا، خاسىڭ قاتارلىق ياغلىق دان زىرائەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. شال، بۇغداي، كۆممىقوناقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائىتى تولۇق تەننەرخ سۇغۇرتىسى ۋە كىرىم سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شارائىتى بار ئۆلكىلەرنىڭ ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرگە قارىتا ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك تولۇقلىما نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. زامانىۋى باقمىچىلىق سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تىرىك چوشقىنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوغداپ، تىرىك چوشقا كەسپىنى مۇقىم، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كالا، قوي كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېشىل، ساغلام باقمىچىلىقىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بېلىقچىلىق پورتى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ياغاچ غوللۇق ئاشلىق ۋە ئورمان ئاستىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ يەر شارى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىگە سىڭىشىنى قوللاش كېرەك. نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش كېرەك. چېگرا ئېغىزى كارانتىنى ۋە سىرتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تۈرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاشلىق تېجەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، پىششىقلاش، ساقلاش، ئىستېمال ھالقىلىرىدىكى ئاشلىق سەرپىياتى ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىش كېرەك.

  (8) تېرىقچىلىقتا قەد كۆتۈرۈش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئۇرۇق ئاساس قىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك گېرمپلازما بايلىقىنى قوغداش، ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، 3-قېتىملىق زىرائەت گېرمپلازما بايلىقى، چارۋا-قۇش گېرمپلازما بايلىقىنى تەكشۈرۈپ توپلاشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ زىرائەت، چارۋا-قۇش ۋە دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىقى گېرمپلازما بايلىقى ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سورت يېتىشتۈرۈش ئۇل تەتقىقاتى ۋە نۇقتىلىق سورت يېتىشتۈرۈش تۈرلىرىنى ئۇزاققىچە مۇقىم قوللاش لازىم. يېزا ئىگىلىك بىئولوگىيەلىك سورت يېتىشتۈرۈش زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى سورتلىرى ۋە چارۋا-قۇش نەسلىدە بىرلەشمە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر يولغا قويۇش لازىم. يېڭى بىر نۆۋەتلىك چارۋا-قۇش ئىرسىيەت ياخشىلاش پىلانى ۋە زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لازىم. ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، بىيولوگىيەلىك سورت يېتىشتۈرۈشنى كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ساھەسىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇرۇقچىلىقتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ سودا بويىچە ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەنفەن كىرېمنىي جىلغىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇرۇق بازىسى ۋە سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چوڭ-چوڭ سورتلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە كېڭەيتىشتىن كېيىنكى تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ، يېتىشتۈرۈش-كۆپەيتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  (9) 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەرنىڭ قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئېكولوگىيە، يېزا ئىگىلىكى، شەھەر-بازار قاتارلىق فۇنكسىيەلىك بوشلۇقلارنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بوشلۇقلارنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش چېگراسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. ئىنتايىن قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنىڭ ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىش ۋە تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا كۆكەرتىش، ئورمان بىنا قىلىش، كۆل كولاپ مەنزىرە ھاسىل قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ، يېزىلاردا تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلەپ ئۆي سېلىشنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش»نى قەتئىي چەكلەپ، «ئاشلىقتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. تېرىلغۇ يەردىن ئالدىن پايدىلىنىش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا، بولۇپمۇ ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا نۇقتىلىق ئىشلىتىش، ئادەتتىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئاساسلىقى ئاشلىق، پاختا، ياغ، شېكەر، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىش كېرەك. تېرىلغۇ يەر بىلەن مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى ئوخشاش بولمىغان باشقۇرۇش نىشانى ۋە باشقۇرۇش سىجىللىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنى ئورمان يېرى، باغ يېرى قاتارلىق باشقا تۈردىكى يېزا ئىگىلىك يېرىگە ئۆزگەرتىشنى قاتتىق تىزگىنلەپ، يەر ئوبوروتىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەر مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە، سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، باشقۇرۇش-ئاسراش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق قۇرۇلۇش مەبلىغى توپلاپ، مەركەز ۋە يەرلىك ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلارنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئورتاق ئاشۇرۇپ، 2021-يىلى قۇرغاقچىلىقتىمۇ، ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغان، يۇقىرى، مۇقىم ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۆلچەملىك 100 مىليون مو ئېتىز-ئېرىق بەرپا قىلىش لازىم. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىدا كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش، تولۇقلاش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچى قىلىپ، ئۆلكە دائىرىسىدە تەڭشەپ، تاپاۋەت پايدىسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش لازىم. قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئىگىلەنگەن تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىش كېرەك. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ۋە سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى نازارەت قىلىش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيەت نىشانىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  (10) زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ۋە ماددىي جابدۇق تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنى داۋاملىق يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش-ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇش لازىم. 2025-يىلىغا بارغاندا ھازىرقى خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەشنى تاماملاش لازىم. يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئۇل تەتقىقاتنى مۇقىم قوللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش بازىسى سۇپىسى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تىرەك بولۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش لازىم. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەقلىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاش كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. دۆلەت ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىك ئىلىم-پەن مەركىزى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق، ئېدىرلىق، تاغلىق رايونلاردا ئىشلىتىشكە بولىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى قوللاپ، سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى تولۇقلىمىسى بېرىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  (11) زامانىۋى يېزا-كەنت كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. يېزا-كەنتلەرنىڭ خاس ئەۋزەل بايلىقىغا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سۇبيېكتىنى ناھىيە بازىرىدا قالدۇرۇپ، دېھقانلارنى كەسىپ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرى ئۆلچىمى سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۆلچەم بويىچە ئىشلەپچىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى كارخانا ئۆلچىمىنىڭ باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى ناھىيە تەۋەسىگە قويۇپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلاردا دەسلەپكى پىششىقلاش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى كۈچلۈك بازىرى، ئەۋزەل ئۆزگىچە كەسىپلەر توپىنى قۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت تايانچ تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-كەنت ساياھەت ئېسىل لىنىيەسىنى ئېچىپ، يانداش ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، سىياسەتنى توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ناھىيە (شەھەر، رايون) نى بىرلىك قىلىپ بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 2025-يىلىغا بارغاندا 500 ئەتراپىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پەلەمپەيسىمان ئىلگىرى سۈرۈش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. زامانىۋى ئورمانچىلىق كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش لازىم. «تۈمەن كارخانا تۈمەن كەنتنى گۈللەندۈرۈش» ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش لازىم. پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ قىممىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يېزا ئىگىلىكى ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئىستاتىستىكىلىق ھېساباتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  (12) يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت قارا تۇپراقنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قوغداش خاراكتېرلىك تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى شۇدىگەر قىلىش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، زىرائەتلەردىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەھسۇلاتى ۋە تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. چارۋا-ئۆي قۇشلىرى چىقىرىندىلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. شاخ-شۇمبىلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە سولياۋ يوپۇق، دېھقانچىلىق دورىسى ئورالمىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، پارچىلاشقا بولىدىغان سولياۋ يوپۇقنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كېڭەيتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى، خۇاڭخې ئېقىن رايونىدا يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەيدىغان بىر تۈركۈم ئۈلگە ناھىيە قۇرۇش كېرەك. دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە جۇغراپىيەۋى بەلگىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆلچەمگە توشۇش گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى سىناق يولغا قويۇپ، دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەر ناھىيە بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۇ جانلىقلىرى بايلىقىنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان بېلىقچىلىق ئىشلىرى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بېلىقچىلىقتىن چېكىنگەن بېلىقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. سۇ تېجەيدىغان دېھقانچىلىق ۋە بىنەم دېھقانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. قۇملىشىش، تاشلىشىش، يانتۇ تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى قوغداش ۋە زىيادە تارتىلىشىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە يېزىلارنىڭ سۇ سىستېمىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى يولغا قويۇپ، دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك. تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. كەڭ كۆلەملىك دۆلەت يېرىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئورمان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ چاۋا بېقىش، چارۋا بېقىشنى توختىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئوتلاق چاشقان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىشنى كۈچەيتىپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى پۇختا قەدەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

  (13) زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىجارەت سۇبيېكتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك كۆلەملىك تىجارەتچىلىرىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى قىلىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۈرۈشتۈرۈشى قېلىپلاشقان دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلەشكەن، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىپ، ئىلغار، ئەسقاتىدىغان تۈر، سېلىنما مەھسۇلاتى، تېخنىكا، جابدۇقلارنى ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىگە كىرگۈزۈش كېرەك. بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرگەن باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشى، كۈچىيىشىنى قوللاش كېرەك. تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات-سودا، ئىناۋەت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» ئۇنىۋېرسال ھەمكارلىقنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۇنىۋېرسال سۇپىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈپ، ماھارىتىنى باھالاش، ئوقۇش تارىخى مائارىپىغا قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، مەخسۇس دېھقانلارغا يۈزلەنگەن ماھارەت مۇسابىقىسى تەسىس قىلىش كېرەك. شەھەرلەردىكى ھەرقايسى جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلارنى يېزىلارغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش

  (14) كەنت يىرىك پىلانى خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. 2021-يىلى ناھىيە دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى تۈزۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، كەنتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. «كۆپ خىل بەلگىلىمە بىرلەشتۈرۈلگەن» ئەمەلىي قوللىنىشچان كەنت يىرىك پىلانى تۈزۈشنى پائال، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتى بار، ئېھتىياجى بار كەنتلەرنى كەنت يىرىك پىلانى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىمكانقەدەر تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ۋاقتىنچە يىرىك پىلان تۈزمىگەن كەنتلەرنى ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن ئىشلىتىلىش ئورنىنى باشقۇرۇش ۋە قۇرۇشنى باشقۇرۇش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا قۇرۇش كېرەك. كەنت يىرىك پىلانى تۈزۈشتە مەۋقەنى ھازىر بار بولغان ئاساسقا قويۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتىنى ساقلاپ، چوڭ چېقىپ، چوڭ قۇرۇلۇش قىلماسلىق كېرەك. يىرىك پىلان بويىچە تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قالايمىقان قۇرۇش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دېھقان ئۆيلىرى سېلىشنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن-نىزام ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۈچ يىل ئىچىدە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنى تاماملاش كېرەك. قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان ئۆيلىرىنى لايىھەلەش سەۋىيەسى ۋە سېلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە يەر تەۋرەش تەسىر دەرىجىسى يۇقىرى رايونلاردىكى دېھقان ئۆيلىرىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. كەنت قىياپىتىنى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەنت، ئەنئەنىۋى ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ۋە تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق كەنت، بازارلارنى قوغداش كېرەك. يېزىلاردىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى، يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى دېھقانلار ئۈچۈن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، پۇختا قىلىپ، شامالغا ئەگىشىپ ھەرىكەت قوزغىماسلىق كېرەك. كەنتلەرنى قالدۇرۇپ بىرلەشتۈرۈشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا دېھقانلارنى بىنا ئۆيگە چىقىشقا مەجبۇرلىماي، ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىش، ئەمەلىي ئىشنى ئەمەلىي بېجىرىش كېرەك.

  (15) يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى داۋاملىق يېزىغا قويۇپ، كەنتلەرنى قاپلاش، ئائىلىلەرگە كېڭەيتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. نوپۇس كۆلىمى بىر قەدەر كۆپ تەبىئىي كەنتلەرگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك يولغا قويۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ بايلىق يولى، كەسىپ يولى، ساياھەت يولى ۋە كەنت ئىچىدىكى ئاساسىي غول يول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنى كۆپرەك كەنت، ئائىلىلەرگە كىرىشكە مايىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى بىلەن يەرلىكنىڭ مەبلىغىگە ياردەم بېرىش، تەييار ماي باج-ھەق ئىسلاھاتى يۆتكىمە چىقىمى، يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، يېزىلارنىڭ يول تەرەققىياتىنى بەلگىلىمە بويىچە قوللاش كېرەك. «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. يول باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. شەھەر-يېزا قاتنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېزىلاردىكى يول، كۆۋرۈكلەرنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش-ئاسراش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېزا يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزىلارنىڭ سۇ تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرى قاتارلىق مۇقىم سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشى ۋە سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، كۆلەملەشكەن سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ۋە كىچىك تىپتىكى قۇرۇلۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، شارائىتى بار جايلاردا شەھەر-يېزىلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، 2025-يىلىغا بارغاندا، يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش سەۋىيەسىنى %88كە يەتكۈزۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ سۇ باھاسى، سۇ ھەققى شەكىللىنىش مېخانىزمى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك تىجارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، يېزىلارنى ئېلېكتىر كۈچى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش كېرەك. تەبىئىي گازنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەر، ئىشەنچلىك يېزا گاز ساقلاش باكى پونكىتى ۋە مىكرو تۇرۇبا تورىدا گاز بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى قۇرۇشنى قوللاش كېرەك. يېزىلارنىڭ بىيوماسسا ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كۆمۈردىن پاكىز پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. رەقەملىك يېزا-كەنت قۇرۇش تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ مېگابايتلىق نۇر تورى، 5-ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش (G5)، كۆچمە نەرسە تورىنى شەھەر بىلەن ماس قەدەمدە پىلانلاپ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تېلېگراف ئومۇمىي مۇلازىمىتى تولۇقلىما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ۋە چەت، يىراق رايونلارنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى قاتارلىق ئاسمان ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا چوڭ سانلىق مەلۇمات سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيەسىنى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىپ ئۆلچەش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك يولۇچى توشۇش بېكىتى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ئاممىۋى يورۇتۇش قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  (16) يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش، ئۆستۈرۈش بەش يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، قۇرغاق، سوغۇق رايونلاردىكى پاكىز ھاجەتخانىلارغا ماس كېلىدىغان تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى يېزا ئاھالىلىرى ئىشلىتىدىغان ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش ۋە پاسكىنا سۇ، قارا سېسىق سۇنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى قۇرۇش كېرەك. يېزا تۇرمۇش ئەخلىتىنى يىغىش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەنبەدىن تۈرگە ئايرىپ، مىقدارنى ئازلىتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم ئورگانىك تاشلاندۇقلارنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىپ پايدىلىنىش ئەسلىھەسى قۇرۇش كېرەك. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش-ئاسراش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. شارائىتى بار جايلار شەھەر-يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ 3-تەرەپ بىر تەرەپ قىلىشنى كېڭەيتىش كېرەك. كەنتلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ۋە كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان كەنت ۋە گۈزەل ھويلا-ئاران ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  (17) يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاممىۋى بايلىقنى تەڭپۇڭ تەقسىملەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى ناھىيە، يېزا، كەنت بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تۈزۈمنى بىرلەشتۈرۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرلىك يەسلى مائارىپى بايلىقى تەمىناتىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق كۆپەيتىپ، يېزا-بازار ياتاقلىق مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ ئېچىش شارائىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يېزا-كەنتلەردىكى زۆرۈر بولغان كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىپ ھەم ياخشى باشقۇرۇپ، ناھىيە بازىرى ۋە مەركىزىي بازارلاردا بىر تۈركۈم تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش كېرەك. يېزا ئالاھىدە مائارىپ كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر-يېزا مەكتەپلىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى قوللاش كېرەك. دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئېھتىياجىغا قارىتا، كەسپىي تېخنىكا مائارىپى ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش بىرلەشكەن بازا قۇرۇش كېرەك. تېرىقچىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېزا-كەنتلەرگە يۈزلەنگەن تور مائارىپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسپىي مەكتەپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار پەن، كەسىپ قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ساغلام يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كەنت شىپاخانىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قۇرۇش ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنت دوختۇرلىرىنىڭ كەسپىي (ياردەمچى) ۋىراچقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۇرۇشقا ئەۋەتىش، ئايلىنىپ يۈرۈپ داۋالاش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلام سەھىيە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا-بازار شىپاخانىلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىر تۈركۈم مەركىزىي شىپاخانىلارنى تاللاپ قۇرۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ناھىيە دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتىنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇم ۋە تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. ناھىيە تەۋەسىدىكى زىچ داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئومۇمىي سوممىسىنى خامچوت بىلەن باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئانىلار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر-يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلايدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ يېزا-كەنتلەرگە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ۋە شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت تۈزۈمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى بېقىش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلار ۋە ئاياللار، ياشانغانلار، شۇنداقلا قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ناھىيە، يېزا، كەنت جىپىسلاشقان ئۈچ دەرىجىلىك كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك بەخت ساناتورىيەسى، كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى قاتارلىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش خاراكتېرلىك كۈتۈنۈشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېزا ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرلىك دەپنە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويۇش كېرەك.

  (18) يېزا ئىستېمالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك يېزا ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروت يەتكۈزۈش ئۇل ئەسلىھەسىنى ئۆزگەرتىپ ئۆستۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىغا كىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېزىدىن چىقىپ شەھەرگە كىرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇدۇللىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئېتىزلاردا كىچىك تىپتىكى ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش سوغۇق زەنجىرسىمان ئەسلىھەسى، ئىشلەپچىقارغان جايدا تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا بىۋاسىتە سېتىش-يەتكۈزۈش مەركىزى، دۆلەت تايانچ سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى بازىسى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزىلارنىڭ تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆزئارا بىرلەشكەن مۇلازىمەت تور نۇقتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قولايلاشتۇرۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سۈپەتلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى يېزىلارغا بېرىپ ئىستېمال قىلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.

  (19) ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەر بىلەن كىچىك شەھەر-بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ناھىيە تەۋەسىنى شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، شەھەر بىلەن يېزا ئايرىۋېتىلگەن تۈزۈلمە نۇقسانلىرىنى تۈگىتىپ، شەھەر-يېزا ئامىللىرى باراۋەر ئالماشتۇرۇلىدىغان، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىدىغان تۈزۈم خاراكتېرلىك يولنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ناھىيە تەۋەسىدىكى كەسىپ، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئاساسىي ئېتىز، ئېكولوگىيەنى قوغداش، شەھەر-بازارلارنى ئېچىش، كەنت ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېزا-بازارنى دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان رايون مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئىقتىدارىنىڭ جىپىسلىشىپ ئۆزئارا تولۇقلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ناھىيە ئىقتىسادىنى زورايتىپ، مۇۋاپىق كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىپ، تۈۋرۈك كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. كىچىك شەھەر-بازارلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىچىك شەھەر-بازارلارنىڭ شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرۇش، يېزا-كەنتلەرگە مۇلازىمەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتى بار جايلار كىچىك شەھەر ئۆلچىمى بويىچە ناھىيە بازىرى قۇرۇشى كېرەك. ھوقۇقنى كېڭەيتىپ، بازارنى كۈچەيتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق بازارلارنى پىلانلاپ قۇرۇش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ پۈتۈن دائىرىلىرى يېرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ناھىيە تەۋەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى شۇ يەردە شەھەرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەرگە كىرگەن دېھقانلارنىڭ مۇتلەق ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تۇرالغۇ تەمىناتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يەرلىكنى يۇرتىغا قايتىپ، يېزىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى ۋە ئەمەلىي مەشىق بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  (20) يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش سېلىنمىسى كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى داۋاملىق ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت ئالدىن كاپالەتلەندۈرىدىغان ساھە قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ خامچوت دائىرىسىدىكى سېلىنمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. يەرنى سېتىپ بېرىش پايدىسىنى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى باھالاش چارىسى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىغا ئىشلىتىدىغان نىسبەتنى بەلگىلىمە بويىچە ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى تارماقلار يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى زايوم ۋە مەخسۇس زايوم تارقىتىپ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى ۋە يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىگە ئىشلىتىشىنى قوللاپ، مەشغۇلات يېتەكچىسى تۈزۈپ چىقىرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۈر زاپىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مالىيە سېلىنمىسىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش فوندى تەسىس قىلىشنى قوللاپ، پۇل مۇئامىلە كاپىتالى، جەمئىيەت كۈچلىرىنى قاتنىشىشقا قوزغىتىپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزا پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى قوللايدىغان، كىچىك كارخانىلارنى قوللايدىغان تەكرار قەرز پۇلى، تەكرار دىسكونت قاتارلىق سىياسەت قورالىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ ئېتىبار ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى يولغا قويۇپ، ئاپپاراتنىڭ قانۇنىي ئىگىسى ناھىيەدە، كەسپى ناھىيەدە بولغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزىلاردىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەسلى مەنبەگە قايتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىچكى ئاپپارات قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئامانەت-قەرز ھەمكارلىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا، قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى قاتارلىق ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى قانۇنىي ئىگىسىنىڭ ئورنى ۋە سانىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنى پەسەيتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ۋە ئىچكى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر، ناھىيەنىڭ رايون ئىچىدە ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ئىناۋەت ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئۈچ يىلدا بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتى ئىناۋەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېزىلارنىڭ رەقەملىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دېھقانلارنىڭ ئاز سوممىلىق ئىناۋەت قەرز پۇلى، سۇغۇرتا تالونى رەنىلىك قەرز پۇلى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى ۋە پارنىك ئەسلىھەلىرىنى رەنىگە قويۇپ قەرز بېرىش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەخسۇس پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتى ۋە يېزىلارنىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى قوللاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تۇنجى قەرز، ئىناۋەتلىك قەرزنى كۆپەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك كىرېدىت مەدىتىنى زورايتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك كىرېدىت كېپىللىكىنى چوڭايتىش ھەسسىلىك سانىنى مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك كىرېدىت كېپىللىك كۆلىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەرلىكنىڭ ئەۋزەل، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسىنى تولۇقلىما ئورنىدا مۇكاپات بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەدرىجىي پۈتۈن مەملىكەتتە كېڭەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك قايتا سۇغۇرتىلاش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. «سۇغۇرتا + زاكاز مال»نىڭ يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  (21) يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە ئامىلىنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك. يېزا يېرىگە دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىش تۈزۈمىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئائىلە ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇللۇق ئورنىدا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكى مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ ھەم ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەي، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقى ئوبوروت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. يېزىلاردىكى ساقلانما قۇرۇلۇش يېرىنى جانلاندۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاسسىپ تىزىملىكنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇش يېرىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا-كەنتلەردىكى ئىستىراھەت-سەيلە قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تارقىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جانلىق، كۆپ خىل تەمىنلەش يېڭى ئۇسۇلىدا ئىزدىنىش كېرەك. ئۆيلۈك يەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى مۇقىم، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۆيلۈك يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئۆي بىلەن يەر بىر گەۋدە قىلىنغان ئۆيلۈك يەرنى كۈندىلىك تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش يېرىنى كۆپەيتىش-ئازايتىشقا چېتىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، تەستىقلاپ يولغا قويۇش تەرتىپى، قالدۇق كۆرسەتكۈچنى تەڭشەش ۋە كىرىم تەقسىماتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 2021-يىلى يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ باسقۇچلۇق ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش كېرەك. شەھەرگە كىرىپ نوپۇسقا ئالدۇرغان دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، كوللېكتىپ كىرىمنى تەقسىملەش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش كېرەك. يېزا مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت سودىسى ۋە باشقۇرۇش ئۇچۇرى تور سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش

  (22) بەش دەرىجىلىك شۇجى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش خىزمەت مېخانىزمىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، چوقۇم تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىن ئىبارەت يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە شەكىللەنگەن تەشكىللەپ تۈرتكە بولۇش، ئامىل كاپالىتى، سىياسەت مەدىتى، ھەمكارلىشىپ ياردەم بېرىش-يۆلەش، باھالاپ نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزملىرىنى ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىشلىتىپ، يۇقىرى-تۆۋەن تۇتاشقان، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىدىغان، ئاخىرغىچە تۇتىدىغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى قەرەللىك تەتقىق قىلىشى كېرەك. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئاساسلىق زېھنىي كۈچىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە قويۇشى كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئالاقە نۇقتىسى تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ ھەممىسى ئالاقە نۇقتىسى بېكىتىشى كېرەك. ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىنىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يېزا-كەنتلەردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار يېزا-كەنتلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مۇنەۋۋەر كادىرلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىگە تاللاپ ئەۋەتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، چېنىقتۇرۇشنىڭ كەڭ سەھنىسى قىلىپ، جاپالىق رايونلار، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدا خىزمەت ئىپادىسى گەۋدىلىك كادىرلارنى ئالدىن مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك.

  (23) پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە خىزمەت ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەزا ئورۇنلار يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مۇھىم سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن پىكىر ئېلىشى ھەم ئۇنى ئەنگە ئېلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار «بەش چوڭ گۈللەندۈرۈش» نىشان-ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلار رەھبەرلىك قىلىدىغان مەخسۇس گۇرۇپپا ياكى خىزمەت مەخسۇس سىنىپى تەسىس قىلىپ،ھېسابات دەپتىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇرغۇزۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشى كېرەك. پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر يىلى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى پارچىلاپ، ھەر قايسى مەسئۇل تارماقلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىش ۋە خادىملارنى سەپلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  (24) پارتىيەنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا-بازار، كەنتلەرنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، يېزا-بازارلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى، كەنت، «ئىككى كومىتېت» ئەزالىرى، بولۇپمۇ كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىلىرىنى ياخشى تاللاپ سەپلەش كېرەك. شارائىتى بار جايلار كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى پائال يولغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەممىنى «بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىكى» كېرەك. نۆۋەت ئالمىشىش بىلەن ماس قەدەمدە كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ياخشى تاللاپ ۋە كۈچلۈك سەپلەپ، ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تەشكىلاتلىرى كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى قەتئىي جازالاش كېرەك. نۇقتىلىق يېزا-كەنتلەردە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۇنەۋۋەر يېزا ياشلىرىدىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مائاش ياردەم پۇلى تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىش كېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش «قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى»نى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى تۈزەش نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بەرپا قىلىپ، يېزىلاردىكى قانۇن ئۆگىنىش، قانۇندىن پايدىلىنىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى يېتىشتۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنت خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت-ماجىرالارنى ئۆز جايىدا ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تىنچ يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا رايونلىرىدا قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە ئوت مۇداپىيە بىخەتەرلىكى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەت، ئاممىۋى ساغلاملىق، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى قاتارلىق زور ۋەقەلەرنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش، كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  (25) يېڭى دەۋردىكى يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دېھقانلار ئاممىسى ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنى كۈچلۈك قۇرۇپ ئۇنىڭاىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. يېزا-كەنتلەردە «پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» تەشۋىقات پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى يېزا مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئېچىپ پايدىلىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكىگە يېڭى دەۋر مەزمۇنى ئاتا قىلىش كېرەك. يېزىلاردا ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتېگرال تۈزۈمى، ئەخلاق باھالاش كېڭىشى، قىزىل-ئاق كېڭىشى قاتارلىق ئۇسۇللارنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى باھالىق تويلۇق، ئادەمگەرچىلىك بەسلىشىش، داغدۇغىلىق دەپنە ئۆتكۈزۈش، بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپ قىلىش، فېئودال خۇراپاتلىق قاتارلىق ناچار كەيپىياتنى تۈزەشنى زورايتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ساددا خەلق ئىستىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزىلاردىكى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە ۋە چېگرا سىرتىدىكى سىڭىپ كىرىش پائالىيىتىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دىندىن پايدىلىنىپ يېزا ئاممىۋى ئىشلارغا ئارىلىشىشنى قانۇن بويىچە توسۇش كېرەك. جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك.

  (26) يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك) پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەر يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ. شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلىرىغا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەمەلىي نەتىجىسىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، باھالاش نەتىجىسىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان شەھەر ، ناھىيەلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. باھالاشتا ئارقىدا قالغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان شەھەرلىك ، ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، دائىملىق سۆھبەتلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە باھالاشقا كىرگۈزۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى داۋاملىق تۈزىتىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ نامۇۋاپىق يۈكىنى يېنىكلىتىشنى مەركەز ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ۋاقىت، دەرىجە، ئۈنۈمىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى.

  مەزكۇر ھۆججەتنىڭ تولۇق تېكىستىنى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ