مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېغىز-بۇرۇن يالاشقانلار بىراقلا تورغا چۈشتى

2021.02.09 20:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ساقچىخانىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەسلىدە قانۇن-ئىنتىزامغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىپ، جىنايەتكە قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك ئىدى، لېكىن قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، زەھەر جىنايەتچىلىرى بىلەن «بىر ئىشتاننى تەڭ كېيىپ»، ئۇلارغا كۆپ قېتىم خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قېچىپ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن. يېقىندا، جۇڭگو ھۆكۈم-كېسىم ھۆججەتلىرى تورى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لۇفېڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جياشى ساقچىخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋۇ مۇچياڭنىڭ قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسى توغرىسىدىكى جىنايى ئىشلار كېسىمنامىسىنى ئاشكارىلىدى. ۋۇ مۇچياڭ جىنايەتچىلەرنىڭ جازادىن قېچىشىغا ياردەم بېرىش، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 14 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ھەمدە 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

  ھوقۇق − قوش بىسلىق خەنجەردۇر، قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا يۈرگۈزگەندە خەلققە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ، قانۇن سىرتىدا يۈرگۈزگەندە باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. ۋۇ مۇچياڭ بىلەن جېڭ سېن ئۇزاق مۇددەتلىك دوست بولۇپ، بارا-بارا «قول بېرىشكەن ئاكا-ئۇكا»غا ئايلانغان. كېيىن، جېڭ سېن ئوتتۇرىغا قويغان «جياشى ساقچىخانىسى تەۋەلىكىدىكى چەت جايدا كرىستال زەھەر ياساش، پاناھلىنىش» تەلىپى، ھەمدە «ھەر بىر تۇڭ خام ماتېرىيالدىن كرىستال زەھەر ياسىغاندىن كېيىن، ۋۇ مۇچياڭغا 5000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە تاپان ھەققى بېرىش»تەك ئېزىقتۇرۇشقا قارىتا، ۋۇ مۇچياڭ قەتئىي توسۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە ئۈن-تىنسىز قوللاپ، جېڭ سېن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، زەھەر ياساشتىن جەمئىي 300 مىڭ يۈەن پايدا ئالغان.

  ۋۇ مۇچياڭ زەھەر ياساش، زەھەر سېتىشنىڭ خەتىرى ۋە خاراكتېرىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەبىئىيلا بىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى بىلەن ھېسابلاشماي، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەشنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان. «پايدا» تېتىپ قالغان ۋۇ مۇچياڭنىڭ يۈرىكى بارغانسېرى يوغىناپ، قانۇندىن ئەيمىنىش ۋە ھەزەر ئەيلەش نىيىتىدىن بارا-بارا يىراقلاپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، خوتۇنى بىلەن بىرلىشىپ كۆپ قېتىم جېڭ سېنغا ساقچىلارنىڭ تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ، بۇ ئۇسۇل بىلەن 2 مىليون يۈەن پارا ئالغان. قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، ئاخىرىدا قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچراپ، ئېغىر بەدەل تۆلىدى، ئۇنى ئۆزىگە ئۆزى قىلدى، دېيىشكە بولىدۇ.

  پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى ھەرگىزمۇ «رېزىنكە لاي» ۋە «قارانچۇق» ئەمەس، ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقى ۋە دەپسەندە قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئىنتىزام-قانۇننى ئۆلچەم قىلغان، ئۇۋال قىلمىغان، مەيلىگە قويۇۋەتمىگەندىلا، خىزمەتنىڭ ھەم تەرتىپلىك، ھەم ئۈنۈملۈك بولۇشىغا، شەخسنىڭ ھەم ئىش قىلىشى، ھەم پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار ھەر ۋاقىت قانۇن-ئىنتىزام تارىسىنى چىڭىتىپ، ئىنتىزام قىزىل سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە، قانۇن تۆۋەن سىزىقىغا تېگىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، قانۇن-ئىنتىزامغا بولغان ھۆرمەت ۋە ھېيىقىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە ئۇنى تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇپ، مەسىلىنى ئويلاش، قارار چىقىرىش، ئىش بېجىرىشنى ئاڭلىقلىق بىلەن قانۇنچىللىق ئاستىدا تۇرۇپ قىلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ