خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4- مارت كەچتە خەلق سارىيىدا 87- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 4- مارت چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، قارالما لايىھەسىنى قاراپ چىقتى.
4- چېسلا كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، قارالما لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىككى لايىھەنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا سايلاش ۋە ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ