شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش لازىم

2021.03.06 18:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزى قاتناشقان ئۆمەكنىڭ، يەنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىر پۈتۈن گەۋدىدۇر، ئۇنى چوقۇم مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىپ كىرىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە «ئۈلگىلىك ئاپتونوم رايون»نىڭ ئالىي شان-شەرىپىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئومۇمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

  ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكى دېموكراتىك جانلىق كەيپىياتقا تولدى. جاڭ شياۋبىڭ، نارېنتۇيا، گې مىڭ، جوۋ يىجې، لى گوچىن قاتارلىق بەش ۋەكىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا خېتاۋ سۇغىرىش رايونىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت بىرتۇتاش تۈزگەن دەرسلىكنى ئىشلىتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇش، چېگرا رايونلارنىڭ مەركەزلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ يېشىل ئورمانلىقىنى ياخشى قوغداش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ پات-پات كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىچكى موڭغۇلدىكى يولداشلارنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىچكى موڭغۇلنى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى، ۋەتەننىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بىخەتەرلىك، مۇقىملىق توسۇقى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بازىسى، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇش، ئېلىمىزنىڭ شىمالغا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورنى بويىچە، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى ئۆرلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئىچكى موڭغۇل تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىچكى موڭغۇلنىڭ مەملىكەت بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئورنىنى توغرا تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئەۋزەل ساھەلىرى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىقنى ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكتىن ساقلىنىپ، ئەلالىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىقتىدارنى ئۆزگەرتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇلنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىغانلىقى خۇشال بولۇشقا ھەم تەرىپلەشكە تېگىشلىك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا بولماستىن، بەلكى يېڭى تۇرمۇش ۋە يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. تەرەققىياتتا تەڭپۇڭ بولماسلىق ۋە يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. ئىچكى موڭغۇلنىڭ يېرى كەڭ، ئادىمى ئاز، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئولتۇراقلىشىشى بىرقەدەر تارقاق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، خىرىسى كۆپ. بۇ ىڭ ئۈچۈن، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈش، ماركىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەدەنىيەت-ساياھەت، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىقتۇر، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. تاغ-دەريا-ئورمان-ئېتىز-كۆل-ئوتلاق-قۇملۇق سىستېمىسىنى ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل دۆلىتىمىزدە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان مىللىي ئاپتونوم رايون، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە شانلىق ئەنئەنىگە ئىگە، ئۇزاقتىن بۇيان «نەمۇنىلىك ئاپتونوم رايون» دېگەن يۈكسەك شان-شەرەپكە ئېرىشىپ كەلدى، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، داۋاملىق ساقلاش كېرەك. ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى چۆرىدەپ، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلالماسلىقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ روھى. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت بىرتۇتاش تۈزگەن دەرسلىكلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىشنى يولغا قويۇش كېرەك. ھەرقايسى مىللەت كادىرلىرى ئارىسىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا ھەر خىل خاتا ئىدىيەۋى قاراشلارغا قارشى تۇرۇپ، «گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇش، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق روياپقا چىقىرىش»نىڭ ئۇلۇغ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم-كوتسىز ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەممە ئالدىغا قاراپ مېڭىش كېرەك، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ھەرقانچە يىراققا ماڭسىمۇ، ھەرقانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پارتىيەمىز مىللەت مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن. يولداش لى داجاۋ موڭغۇل ئاممىسى ئارىسىدا ماركسىزمنى تارقىتىش، كوممۇنىزمچى ئىلغارلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلغان ۋە قاتناشقان. 1923-يىلى، ئىچكى موڭغۇلدا ئۇلەنفۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى مەيدانغا كەلگەن. 1947-يىلى 5-ئايدا، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ ماركىسىزمدىن پايدىلىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى مىللەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىگە ئايلانغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇل «بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ باۋگاڭنى قۇرۇش»، «3000 يېتىم بالا ئىچكى موڭغۇلغا كىرىش» قاتارلىق تارىخىي داستانلارنى ياراتتى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە بۇ قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق مۇھىم ۋە زور مەسىلىلەردە ئىدىيەۋى تونۇش ۋە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، خى لىفېڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ