مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى قاتارلىقلار قارار قىلىندى: بۇ قېتىمقى يىغىن 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى يەتتە كۈن بولىدۇ

لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

2021.03.05 19:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 174 كىشى، يىغىنغا قاتناشقانلار 171 كىشى، قاتنىشالمىغانلار ئۈچ كىشى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا ئالدى بىلەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى سايلاپ چىقىلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنى ئاچىدۇ ھەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

  يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىننى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىش، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىش بېكىتىلدى، يىغىن ۋاقتى يەتتە كۈن بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1-يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان ھەيئەت رىياسىتىنىڭ بىرقانچە ئەزاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەر قېتىملىق يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىندا يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلدى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ياڭ جېنۋۇ، شىن چۇنيىڭ، لى فېي، شۈ شاۋشى، جاڭ يېسۈي، كۇڭ شاۋسۈن، لى باۋرۇڭلارنى يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى. يىغىندا جاڭ يېسۈي قوشۇمچە يىغىن باياناتچىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ تەكلىپ لايىھەلىرىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى قارار قىلىندى. يىغىندا ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتىنى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 12دە ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى. يىغىن مەزگىلىدە يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەلىرىنى تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قارار چىقىرىشىغا دوكلات قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ