مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

ۋاڭ ياڭ قاتناشتى

2021.03.02 19:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 15-قېتىملىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (لايىھە)، دائىمىي كومىتېتنىڭ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھە)نى تەييارلاش ئەھۋالىنىڭ ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىندى.

  يىغىندا يەنە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسى (لايىھە)نى تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات، سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ 2020-يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، شۇنداقلا ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرىنىڭ ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ لى بىن قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ