مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمى ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2021.03.03 19:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 2-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «14-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ھازىر ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلماقتا، دېھقانچىلىق ۋاقتى قىس، ۋەزىپە ئېغىر. ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاشلىقنى تۇتۇش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ مۇقىم ھالدا 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. تېرىقچىلىقنىڭ قەد كۆتۈرۈشنى ياخشى باشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. چوشقا بېقىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمى ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە مەسئۇلىيەت، سىياسەت ۋە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىكىدىن تىرىشىپ مول ھوسۇل ئېلىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «14-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  خۇ چۈنخۇا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىللىق ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور، ۋەزىپە مۈشكۈل، چوقۇم گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ۋە قوزغاش كېرەك. ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن قەتئىي ئاشۇرۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، سورت، سۈپەت قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، سانغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى بەرپا قىلىپ، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى ساقلاپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز كۆلىمىنى ھەم ئاساسلىقى ئاشلىق تېرىشقا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى سان-سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملاش كېرەك. يېزا ئىگىلىك گېرمپلازما بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، باھالاش، قوغداش قاتارلىق ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئۇرۇقچىلىقنىڭ قەد كۆتۈرۈش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ھەرىكەت لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئوبوروت، پىششىقلاش ھالقىلىرىدىكى ئەسلىھە-جابدۇقلارنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، تەمىنلەش سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چوشقا باقمىچىلىقىنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇپ، كالا، قوي ۋە سۈتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆي قۇشلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ