مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.03.02 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-مارت كەچتە پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پولشا ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، ئۇ يەنە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. جۇڭگو پولشا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن پولشا بىر-بىرىگە ھەمدەمدە بولۇشۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى ھەمكارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقتى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن پولشا ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر خىل خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تەڭ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو پولشا بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پولشا بىلەن بىرلىكتە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەجرىبىسىنى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەر ئارا ئالاقىنى مۇقىم ۋە تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو پولشانىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قولىدىن كېلىشىچە پولشانى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. يۇقۇم مەزگىلىدە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ جۇڭگو بىلەن پولشا ئارىسىدا قاتناش مىقدارى ۋە يۈك توشۇش مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، بۇ جۇڭگو بىلەن پولشا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تەمىنات زەنجىرى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۆزئارا تايىنىشچانلىقىنى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى ئەكس ئەتتۈردى. جۇڭگو جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مېخانىزم ئورنىتىش ئارقىلىق، پولشانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىكىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ تاماملىنىشى جۇڭگو-پولشا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ۋىدېيولۇق يىغىنى يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ئىككىمىز ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ، تەرەققىيات تەجرىبىسىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تەڭ نەزەر سېلىپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈچۈن مۇھىم پىلان تۈزدۇق ۋە يېتەكچىلىك قىلدۇق. جۇڭگو پولشا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ۋە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  دۇدا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىلى پولشادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى پولشا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ۋىدېيولۇق يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. بۇ، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمدىن كېيىن ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم. پولشا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى دۇنيانىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتى قىلىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ھەمدە ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. پولشا جۇڭگو بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ساقلىشىنى، ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ تەڭپۇڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پولشا ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىغا داۋاملىق تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. مەن يۇقۇمدىن كېيىن جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشنى كۈتمەكتىمەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زىچ دوستلۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، پولشا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ