مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.02.25 20:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى.

  تارىخنى ئۆگىنىش ۋە يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئەينەك قىلىش ۋە تەتبىق قىلىشقا ماھىر بولۇش − پارتىيىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش جەريانىدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ، يولداش جياڭ زېمىن، يولداش خۇ جىنتاۋ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى شانلىق مۇساپىسى، نەزەرىيە نەتىجىسى، قىممەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئۇلۇغ روھىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. پارتىيەمىز پات ئارىدا يۈز يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ، پۈتۈن پارتىيە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ ۋە چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايان ۋە ئۈزۈندىلەر» جەمئىي 141 ئابزاس بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا يولداش ماۋ زېدۇڭ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ، يولداش جياڭ زېمىن، يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزى، دوكلاتى، سۆھبىتى، تەستىقى ۋە خېتى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەردىن ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ