مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كولومبىيە زۇڭتۇڭى دۇك بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.03.01 18:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە كولومبىيە زۇڭتۇڭى دۇك بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-كولومبىيە مۇناسىۋىتىدە مۇقىم، ساغلام تەرەققىيات ساقلىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھال سوراپ، قوللاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىشتەك چوڭقۇر دوستلۇقنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ كولومبىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق چامىنىڭ يېتىشىچە قوللاپ، كولومبىيە تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىشى كولومبىيەنى يېڭى ھەمكارلىق پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ كولومبىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-كولومبىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى «كولومبىيە − جۇڭگو تەشەببۇسى» بىلەن ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، تېلېگراف قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئاساسىدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، ئىجادىيەت كەسپى قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كولومبىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە داۋاملىق ئىلھام بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كولومبىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  دۇك جۇڭگو خەلقىدىن چاغانلىق ھال سوراپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ يۈەنشاۋ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. دۇك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر كولومبىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. مەن كولومبىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلغانلىقىدىن، بولۇپمۇ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن خۇشال بولدۇم. كولومبىيە تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كولومبىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كەلگۈسى 40 يىللىق مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ياخشى پىلانلاپ، ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ كولومبىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، بولۇپمۇ جۇڭگو تەرەپ تەمىنلىگەن ۋاكسىنا نۇرغۇن قىممەتلىك ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بەردى، بۇ، كولومبىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە يۈكسەك ئۆزئارا ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى. كولومبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ