مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 28-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2021.03.01 18:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا 28-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي كاپالەت __ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي تۈزۈم كاپالىتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى چوڭ مەسىلە. قايتا تەقسىملەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىگە كىرگۈزۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك، تېخىمۇ تولۇق كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر-يېزىلار بىر تۇتاش پىلانلانغان، ئادىل، بىرلىككە كەلگەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى يەنىمۇ زىچ توقۇپ، ئېلىمىز ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خۇ شياۋيى بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەمىز ئەزەلدىن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، ئېلىمىز ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورناتتى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرىكتۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنى قۇرۇدى. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلىدى. كۈتۈنۈش، يەسلى، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق پاراۋانلىق ئىشلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى شەھەر-يېزا، رايون، جىنس، كەسىپ دەپ ئايرىماي ياشانغانلار، كېسەللىك، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، مېيىپلىك، نامراتلىق قاتارلىق خېيىم-خەتەرلەرنى مۇناسىپ تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى سۇبيېكت قىلىپ ئىجتىمائىي ياردەم، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي نەپىقە قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، فۇنكسىيەسى مۇكەممەل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن 1 مىليارد 360 مىليون كىشىنى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن 1 مىلياردقا يېقىن كىشىنى قاپلىدى، بۇ، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ، خەلققە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا پۇختا ئاساس سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇسۇلىنىڭ كۆپ خىللىشىپ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدا يەنىلا يېتەرسىزلىك مەۋجۇت، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ھەم ئۇنى ھەقىقىي ھەل قىلىش شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز دۆلەت ئەھۋالىنى نىشانلاپ پائال ئىزدىنىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، چەت ئەللەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتىكى پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، روشەن جۇڭگوچە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدۇق. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئورتاق بېيىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈردۇق؛ تۈزۈم ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، كۆپ قاتلاملىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش قاتارلىق نىشانلارنى چۆرىدەپ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ئىسلاھات چارىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ئارقىلىق ھەل قىلىپ، تۈزۈلمە، مېخانىزم توساقلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردۇق؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم ئەھۋالىمىزغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىقتىساد ۋە مالىيە كۈچىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشى ئاساسىدا بەرپا قىلدۇق، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالمىدۇق، باسقۇچتىن ھالقىپ كەتمىدۇق. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي كاپالەت __ خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئېلىمىز ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەلەپلەرنى ياخشى ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تەڭكەش تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە پىلانلاش؛ ئىستراتېگىيەلىك نەزەر تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىش مۇساپىسىگە ئۇيغۇنلىشىپ، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان، كېسەل بولسا داۋالىنالايدىغان، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان، ئاجىزلار يار-يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش؛ خېيىم-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسىدە ئېلىمىزدىكى نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈرنىڭ ئۆسۈشى، تەربىيەلىنىش مۇددىتىنىڭ ئېشىشى، ئەمگەك كۈچى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ھۆكۈم قىلىپ، خىزمەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش باسقۇچىغا كىردى. ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسى ۋە باشقا ئالاقىدار ساھەلەر ئارىسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلاردا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ مەسىلە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتىكى ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان باش قاتۇرىدىغان، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلىرىغا دىققەت قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش؛ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تۈۋرۈكلۈك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش؛ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ يېزا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىملىق ياردەم بېرىش، يۆلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ دېھقان ئىشلەمچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، يېڭى كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش تۈزۈمى، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسى، مېيىپلەر، يېتىم بالىلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «داۋالاش، داۋالاش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە ھەرىكىتى»نى قەتئىي بوشاشماي تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ دورا ۋە خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق يولىدا ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىجتىمائىي كاپالەت قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، شەخسلەر، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قانۇن بويىچە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ياكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەر بىر پۇڭ «كۈتۈنۈش پۇلى»، «ھاياتلىق پۇلى» ۋە ھەر بىر «قۇتقۇزۇش پۇلى»، «خەير-ساخاۋەت پۇلى»نى ياخشى قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي كاپالەتنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش دەرىجىسى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى تىزىملاش ۋە يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئوبيېكتلىرىنى دەل جايىدا بېكىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىش، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بەھرىمەن قىلىش؛ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىشنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت ئۇسۇلى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق توپلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇلارنى تېخىمۇ سەمىمىي، ئىللىق ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، ئېلىمىز ئىجتىمائىي كاپالىتىنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن زور خەۋپ-خەتەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۈزۈمنىڭ بىرلىكى ۋە قېلىپلىشىشى، دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن لايىھەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلار ئومۇمىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تۈزۈم ئىسلاھاتى تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى شەرت؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تۈرلۈك ئىسلاھات لايىھەلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ