مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋاڭ ياڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى

2021.02.26 19:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى 25-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. (مۇھىم سۆزنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ ئىككىنچى بېتىدىن كۆرۈڭ)

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىندى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ھەل قىلىندى، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە تاماملىنىپ، تارىخ سەھىپىسىنى چاقنىتىدىغان يەنە بىر مۆجىزە يارىتىلدى! بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇلۇغ ئىشلار ئۇلۇغ روھنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ كۈرىشىدە، «يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن جەڭگە ئاتلىنىش، دەل جايىدا، ئەمەلىي بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق» تەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى تاۋلاپ چىقىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسى، پەزىلىتى، جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنىڭ تولۇق نامايان قىلىنىشى بولۇپ، ئۇلۇغ مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىندى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەرنى قەتئىي يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋاڭ ياڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى داغدۇغىلىق، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكات ئېسىلغان بولۇپ، كەينى تەرەپتىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ئېسىلغان، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى. 2-قەۋەتتىكى بالكونغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى! دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكات ئېسىلغان ئىدى.

  سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى. ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ھەربىي ئوركېستىرى «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  ۋاڭ ياڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇپ ئۆتتى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىلغارلارنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، مىللىي روھ، دەۋر روھى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ماۋ شياڭلىن قاتارلىق ئون يولداشقا، خېبېي ئۆلكىسى سەيخەنبا ماشىنىسازلىق ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىق 10 كوللېكتىپقا «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىشنى قارار قىلدى. (قارارنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ 3-بېتىدىن كۆرۈڭ)

  ھەيۋەتلىك «ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردىن، گۇۋاھنامە، شەرەپ تاختىسى تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلارنى تەبرىكلىدى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  ۋاڭ ياڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئىلغار شەخس ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇپ ئۆتتى. (قارارنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ 3-بېتىدىن كۆرۈڭ)

  شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن شەخس ۋە كوللېكتىپ ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخس ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا تۆھپە قوشقان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىلار ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، پىدائىيلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا پائال قاتناشقان ۋە ئۇنى قوللىغان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چاۋمىن قېرىنداشلارغا، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ياردەم بەرگەن ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، چەت ئەللىك دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى جاھىل كېسەل. نامراتلىققا قارشى تۇرۇش قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشىدىكى چوڭ ئىشى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو تارىخى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نامراتلىق بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشنى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆزىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت جاپالىق كۈرەش قىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش، تاغ-دەريالارنى قايتا تۈزەشكە تەشكىللەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كەڭ كۆلەملىك، پىلانلىق، تەشكىللىك نامراتلارنى يۆلەش-تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى كۈچەپ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىسلىسىز ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى قىلىپ، داغدۇغىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەلق ئۇرۇشىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. سەككىز يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە خەلق تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىخلاش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، نامراتلىق ئىچىدىكى نامراتلىققا، مۇستەھكەم قورغانغا ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا زور تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق تۆھپە قوشۇلدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى زور قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇمىي قىياپىتىدە تارىخىي زور ئۆزگىرىش بولدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشەنچىسى ۋە جاسارىتى ئاشتى؛ پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى؛ نامراتلارنى ئازايتىش، تۈزەشنىڭ جۇڭگو نۇسخىسى يارىتىلىپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەۋر قەھرىمانلارنى يارىتىدۇ، ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىقتىن كېلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە، نەچچە مىليون نامراتلارنى يۆلەش كادىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن تۆھپە قوشۇپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، نامرات ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، بىللە ئۆتۈپ، بىللە ئىشلەپ، ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا خالىس ئاتا قىلىپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئىلغار ئىش-ئىزلارنى بارلىققا كەلتۈردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىدە 1800دىن ئارتۇق يولداش ھاياتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مۇساپىسىگە بېغىشلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى جانلىق شەرھلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قۇربان بولغانلارنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ۋە قوشقان تۆھپىسى تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالىدۇ، پارتىيە ۋە خەلق بۇنى ئۇنتۇمايدۇ. جۇمھۇرىيەت ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇربان بولغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي تەۋرەنمەي، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھى پەزىلىتىگە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان توپلانغان پۇختا ماددىي ئاساسقا، ئىزچىل ئىشلەشتەك قەتئىي ئىرادىگە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تاياندۇق. بىز مەۋقەنى ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قارىتىپ، نامراتلارنى ئازايتىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئادەتتىن تاشقىرى بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك سىياسەت سىستېمىسى، خىزمەت سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە نامراتلارنى ئازايتىش يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە نامراتلىققا قارشى تۇرۇش نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈردۇق. ئاساسلىقى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق؛ خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭدۇق؛ ئېلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئورتاق ئىرادىسى، ئورتاق ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈردۇق؛ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات چارىسى ئارقىلىق نامراتلىق مەنبەسىنى تۈگەتتۇق؛ نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتۇق؛ بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتۇق؛ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىلىرى، قاتتىقلىرىغا تېگىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ مۇھىم تەجرىبە ۋە تونۇشلار ئېلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ نەزەرىيە جەۋھىرى، ماركسىزملىق نامراتلىققا قارشى تۇرۇش نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، شەھەر-يېزا، رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. بىزنىڭ مەغرۇرلىنىپ، ئۆز-ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ، بوشىشىپ قالىدىغان ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق، شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاسانلا قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان نوپۇسنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردا كەسىپلەرنى ئۇزاققىچە يېتىلدۈرۈش ۋە قوللاش، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن نامرات ئاممىنى داۋاملىق يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرنى يۆلەش خىزمىتىنى ئاخىرىغىچە ياخشى ئىشلەپ، ئاساسلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش؛ كەنتتە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتى، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلار ھەمكارلىشىش، نىشانلىق ياردەم بېرىش، جەمئىيەت يۆلەش قاتارلىق تۈزۈملەردە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىشنىڭ يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئېلىپ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەلەپلەرنى چۆرىدەپ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىشتا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، شەھەر-يېزا رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى سىجىل كىچىكلىتىپ، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەر ۋە تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق، يېتىشىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش؛ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، سىياسەت سىستېمىسى، خىزمەت سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان بولۇشى، دېھقانلارنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، بۇ نىشانغا قاراپ تېخىمۇ ئاكتىپ تىرىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىمىز، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈشىمىز، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىل قىيناپ كەلگەن كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتۇق. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش تارىخىي ئۇلۇغ ئارزۇيىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتى بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىندىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرى يولداشلار مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس، ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن شەخسلەر ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ