مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.03.01 18:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزئارا چاغانلىق سالام يوللىدى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا فىرانسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2020-يىلى بىز بەش قېتىم تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ناھايىتى ياخشى ئەمەلىيلەشتى. يېڭى بىر يىلدا، ئىككى تەرەپ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جان تىكىپ ئىلگىرىلەيدىغان كالا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە، يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-فىرانسىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پارىژ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپانىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىگە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كۈچنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل يەر شارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئىككى تەرەپ كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قاتار مۇھىم سىياسىي قارالمىلىرىغا ئورتاق ياخشى تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تاماملايدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي ھەمكارلىقىنىڭ بىر قىسمى، جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدا ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىدا يېڭى بوشلۇق ئېچىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت، ئىككى دۆلەت كۆپ تەرەپچىللىك بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇش، كېڭىشىپ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىشچان، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ 50تىن ئارتۇق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ياردەم قىلدى. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، «پۈتۈن يەر شارى ھەمكارلىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يېڭى قورالىنى تېز سۈرئەتتە ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭغا ئادىل ئېرىشىش» تەشەببۇسى ۋە «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى يولغا قويۇش پىلانى»غا ئورتاق پائال قاتنىشىدۇ. جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈپ، مۇددەتنى ئۇزارتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە سودا ھەقدارلىرىنى ئورتاق قاتنىشىشقا دەۋەت قىلدى. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئافرىقىغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ، فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بولغان پىكىرلىشىشنى ساقلاشنى خالايدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» بويىچە 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى ۋە 7-نۆۋەتلىك دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش يىغىنىنى ئۆزئارا قوللاپ، ياخشى ئېچىشىمىز كېرەك.

  ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن فىرانسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بېرىمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئېچىۋېتىشچان ۋە ھەمكارلىق پوزىتسىيەسى بويىچە مۇھىم ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپ ۋاكسىنىغا ئېرىشىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن قوشقان پائال تۆھپىسىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ئىشلاردىكى پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقىنىڭ قەرزىنى كېمەيتىش-كېچىكتۈرۈشىگە، ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، داۋاملىق ھالدا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق يەر شارىۋى خىرىسلاردا زىچ ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» بويىچە 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ