مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.02.23 18:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىسىر يېڭى جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەرەب دۆلىتى ۋە ئافرىقا دۆلىتى، جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتى جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىنىڭ ئۈلگىسى. جۇڭگو مىسىرنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى، جۇڭگو مىسىرنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى. جۇڭگو مىسىرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى، مىسىر خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو مىسىر بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن مىسىر جىددىي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن بىر-بىرىنى تەمىنلەپ، باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو مىسىر بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، زور ھەمكارلىق تۈرلىرى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو بىلەن مىسىر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مىسىرغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قوللايدۇ، مىسىر بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  سىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. سىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل مىسىر بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم، دوستانە، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى قويۇق بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. مىسىر جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ، شىنجاڭ، تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەردىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، بىرلىكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. مىسىر تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مىسىرغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى ئىزچىل قىممەتلىك قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ