13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى

2021.03.06 18:41 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

  لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  يىغىندا «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگرامما لايىھەسى تەكشۈرۈپ چىقىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى ۋە كېڭىشىش قائىدىسىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارار لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش باھاردىكى بېيجىڭنىڭ ھەممە يېرى جانلىنىپ ھاياتىي كۈچكە تولدى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردا بېرىلگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدۇ.

  خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت گېربى ئوتقاشتەك قىزىل بايراق ئاستىدا چاقناپ تۇرماقتا. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ۋە ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشيەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2953 نەپەر. 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا 2900 كىشى قاتناشتى، 53 كىشى قاتنىشالمىدى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، لى جەنشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدىكى ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈندى: بىرىنچىسى، 2020-يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەرگە نەزەر؛ ئىككىنچىسى، «13-بەش يىل»دىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە «14-بەش يىل»دىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەر؛ ئۈچىنچىسى، 2021-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر.

  لى كېچياڭ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىل يېڭى جۇڭگو تارىخىدا ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە بىردىنبىر بىزنىڭ دۆلىتىمىزلا ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، خەلقنى قانائەتلەندۈرىدىغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلىدىغان جاۋاب تاپشۇردۇق.

  لى كېچياڭ دوكلاتىدا بىر يىلدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى يەتتە جەھەتتىن خۇلاسىلىدى: بازار سۇبيېكتىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ ماكرولۇق سىياسەتنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇردۇق؛ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق؛ ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنلىدۇق؛ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردۇق؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتۇق؛ يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش، شەھەرلەشتۈرۈش ۋە يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردۇق؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.

  ئۆتكەن بەش يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لى كېچياڭ «13-بەش يىل»دىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 14-بەش يىل-ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا يېڭى مۇساپە باشلىنىدىغان بىرىنچى بەش يىل. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى بېكىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپى»گە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن «خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگرامما (لايىھەسى)»نى تۈزۈپ چىقتى. «پىروگرامما لايىھەسى»دە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 14-بەش يىلدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە مۇھىم، زور ۋەزىپىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى ۋە مىقدارلاشتۇرۇلدى، بۇ «پىروگرامما لايىھەسى» تولۇق تېكىستى بىلەن يىغىننىڭ تەكشۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.

  لى كېچياڭ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پىروگرامما لايىھەسىدە تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇلار، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاپ، ھەرقايسى يىللاردا ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى ئەھۋالغا قاراپ ئوتتۇرىغا قويۇش، تولۇق ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىدىن يۇقىرى بولۇش، شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەش، مال باھا سەۋىيەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ قۇدرەتلىك ئىچكى بازارنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش؛ يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇش؛ يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش؛ خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش؛ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمىن جۇڭگو قۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  لى كېچياڭ دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2021-يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش؛ شەھەر-بازارلاردا 11 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈپ چىقىلغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئەتراپىدا تىزگىنلەش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش كۆلىمىنى %3 ئەتراپىدا تىزگىنلەش؛ ئىمپورت-ئېكسپورتتا مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛ ئاھالىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىلىش؛ ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش؛ ئاشلىق مەھسۇلاتىنى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  لى كېچياڭ دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2021-يىلى مۇنداق سەككىز جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك: ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، ئىقتىساد يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش؛ يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئەمەلىي ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش؛ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى بازارنىڭ زاپاس كۈچىنى تولۇق قېزىش؛ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەشنى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش؛ خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش؛ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم.

  دوكلاتتا لى كېچياڭ يەنە تەكىتلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، مىللەت، دىن ۋە چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى شەرھىيلىدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پروگراممىسى لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەمدە 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ 2020-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2021-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەمدە 2021-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى تەكشۈرۈپ چىقىلىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارار لايىھەسى توغرىسىدا ئايرىم-ئايرىم ئىزاھات بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى بولسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى ۋە خىزمەت تۈزۈمى توغرىسىدىكى ئاساسىي قانۇندۇر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى ۋە خىزمەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر. لايىھە جەمئىي 37 ماددا بولۇپ، ئاساسلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «باش پىرىنسىپ» دېگەن بابنىڭ مەزمۇنلىرىنى كۆپەيتىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆپەيتىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش ھوقۇقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسى بولسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى تۈزۈمى ۋە خىزمەت تەرتىپى توغرىسىدىكى ئاساسىي قانۇندۇر. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئۇ، پۈتكۈل جەرياندا دېموكراتىيەدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈزۈم كاپالىتى، ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ رېئال ئېھتىياجىدۇر. لايىھە جەمئىي 35 ماددا بولۇپ، ئاساسلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، يىغىن تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئىخچاملاش، كېڭىشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يىغىننى ئاشكارىلاش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قانۇن لايىھىسى قاتارلىق تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پىلان پىروگراممىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە تەڭشەش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يىغىندا ماقۇللانغان ئىشلارنى ئېلان قىلىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە ئائىت ئىزاھاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يولغا قويغان سايلام تۈزۈمى باش مەمۇرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ۋە قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شياڭگاڭ جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن بەزى قالايمىقانچىلىقلار شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، شياڭگاڭنىڭ ھازىرقى سايلام تۈزۈمى مېخانىزمىدا روشەن يوچۇق ۋە كەمتۈكلۈك مەۋجۇت، شۇڭا، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم مېخانىزمى جەھەتتە ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپ ۋە خەتەرنى تۈگىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلەرنى سۇبيېكت قىلغان «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەپەككۇرى مۇنداق: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام كومىتېتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ۋە ھوقۇق بېرىشنى كۆپەيتىشنى يادرو قىلغان ئومۇمىي تۈزۈم لايىھەسىنى تۈزۈپ، سايلام كومىتېتىنىڭ كۆلىمى، تەشكىللىنىشى ۋە ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسىنى تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، باش مەمۇرنى سايلام كومىتېتى داۋاملىق سايلاپ چىقىش ھەمدە سايلام كومىتېتىغا سايلام ئارقىلىق بىر قەدەر زور نىسبەتتىكى قانۇن چىقىرىش كېڭىشى ئەزالىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ۋە بارلىق قانۇن چىقىرىش كېڭىشى ئەزالىرى نامزاتىنى كۆرسىتىشكە بىۋاسىتە قاتنىشىشتەك يېڭى فۇنكسىيە ئاتا قىلىپ، سايلام كومىتېتى ئارقىلىق شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ تەڭپۇڭ ھالدىكى ۋە تەرتىپلىك سىياسىي قاتنىشىشى ۋە تېخىمۇ كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى كېڭەيتىپ، ئالاقىدار سايلام ئامىللىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن تەرتىپ بويىچە سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، شياڭگاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر يۈرۈش يېڭى دېموكراتىك سايلام تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەستايىدىل تەتقىق قىلغان ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، «قارار+تۈزىتىش ئۇسۇلى»نى قوللىنىپ، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تاماملاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى قەدەمدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنى، شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ مۇكەممەللەشتۈرىلىدىغان يادرولۇق ئامىللارنىڭ مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە مۇكەمەللەشتۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مۇشۇ قارارغا ئاساسەن شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ قوشۇمچە 1-ۋە 2-ھۆججىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقى بېرىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن، شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنى، شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا ئاساسەن، شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتىنىڭ 1-سى بولغان «شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى» ۋە قوشۇمچە ھۆججىتىنىڭ 2-سى بولغان «شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ۋە ئاۋاز بېرىش تەرتىپى»گە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى قوشۇمچە ھۆججەتنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچىسىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يولغا قويۇلىدىغان يېڭى دېموكراتىك سايلام تۈزۈمى توغرىسىدا كونكرېت، ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىدۇ.

  رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۈنخۇا، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يوڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، دوڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگوڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلوڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، چاڭ يوڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خوڭ، گاۋ يۈنلوڭ ھەمدە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى زوچېڭ، مياۋخۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىغا قاتناشقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ