شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك

ۋاڭ ياڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى

2021.03.08 09:10 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئېغىر، چوڭ كېسەللىك ۋە ئاساسلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى پۇختا توقۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى قۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  «8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار، چەت ئەلدىكى ئايال چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

  بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا ۋۇ خاۋ، خۇاڭ لۇچى، ۋاڭ چېن، يەن چۇنخۇا، ۋاڭ خۇەن، خۇ يۈ، لىن جۇڭچىن قاتارلىق يەتتە ئەزا ئاساسىي قاتلام سەھىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت تېببىي مائارىپى ۋە تەتقىقات سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئالىي مائارىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاساسىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلاپ، بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەرقايسى ئەزالار، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىل يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «13 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، «14 - بەش يىل»نى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، جۈملىدىن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ئاق خالاتنى ساۋۇت قىلىپ، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلىنىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، جاسارەت بىلەن جاپالىق جەڭ قىلىپ، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن تېنى بىلەن ۋىرۇسقا توسۇپ زەربە بېرىشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دوختۇرلارنىڭ مېھرىبان قەلبى ۋە چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتىنى شەرھلىدى. كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە «دەرس توختىسىمۇ ئۆگىنىشنى توختاتماسلىق، ئوقۇتۇشنى توختاتماسلىق»تىن ئىبارەت ئىككى جەڭ سېپىدە قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، يۈز مىليونلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداپ، دۇنيادىكى ئەڭ زور كۆلەملىك تور مائارىپىغا تىرەك بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئوقۇشنى، دەرسنى ئومۇميۈزلۈك، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقنىڭ ساغلاملىقى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتى ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ساغلاملىق تەدبىرى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، مەۋقەنى تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە بويىچە ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنى باھالاش، ھۆكۈم قىلىش، تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە ئېغىر، زور يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش - داۋالاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دەسلەپكى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارى، تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، چوڭ كېسەللەرنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئەڭ جىددىي، ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ جاپالىق داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى. ھۆكۈمەت داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزا - كەنت دوختۇرلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەلنى داۋالاش ۋە ساغلاملىق بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تۈزۈمى، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، ۋارىسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇلازىمەت سىستېمىسى، مۇلازىمەت ئەندىزىسى، باشقۇرۇش ئەندىزىسى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، ئەنئەنىۋى جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى ۋە غەرب تېبابىتى دورىلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش جەھەتتىكى ئۈنۈمىنى ئىلمىي يەكۈنلەپ ۋە باھالاپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشتىكى داۋالاش ئۈنۈمىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر، ۋاكسىنا قاتارلىق ساھەلەردىكى «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، دورىنى مەركەزلىك، مىقدارلىق سېتىۋېلىشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «جان ساقلاش پۇلى»، «جان قۇتقۇزۇش پۇلى»نى ياخشى ساقلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار ئىش ئىزلار ۋە دەۋر نەمۇنىچىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. تېببىي خىزمەتچىلەرنى قوغداش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، تېببىي خادىملارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، دوختۇرخانىلارنىڭ ئامانلىق ساقلاش كۈچى ۋە ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش جېدىلى ۋە زوراۋانلىق قىلىپ دوختۇرلارنى زەخىملەندۈرۈش قىلمىشىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىل، تېببىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تېببىي ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ، مېھرىبانلىق بىلەن دوختۇرلۇق قىلىپ، ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ كاتتا دوختۇرى بولۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئىدىيەۋى ئەخلاق تەربىيەسى، مەدەنىيەت بىلىملىرى تەربىيەسى، جەمئىيەت ئەمەلىيىتى تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئاساسىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پەن سىستېمىسى، ئوقۇتۇش سىستېمىسى، دەرسلىك سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلىپ، يىلتىزنى پەرۋىش قىلىپ روھنى تاۋلاش، ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبنى ئۇزۇقلاندۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدىن يېڭى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى نەزەرىيە بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە خاسلىققا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى يېتەكچى قىلىپ، ئادەم تەربىيەلەش شەكلى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، كاپالەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مائارىپنىڭ ئىجادىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۇيغۇن كېلىدىغان، يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان تېخىمۇ كۆپ تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، مائارىپ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا چىڭ قادىلىپ قويۇپ بەرمەي، قەتئىي تۈردە دەل جايىدا تۈزىتىش، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ خىزمىتىدىكى تايانچ كۈچ. يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بولغاندىلا، ئاندىن يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ بولىدۇ. ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇشتا، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئىنتىلىدىغان بولۇش، مائارىپنى قىزغىن سۆيىدىغان ئىرادىگە، نام - مەنپەئەتكە بېرىلمەيدىغان قەتئىيلىككە ئىگە بولۇش، غايە، ئېتىقادقا ئىگە بولۇش، ئەخلاق - پەزىلەتكە ئىگە بولۇش، پۇختا بىلىمگە ئىگە بولۇش، مېھرىبان قەلبكە ئىگە بولۇش كېرەك. كەڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشى، مېھىر - مۇھەببىتى چوڭقۇر بولۇشى، تەپەككۇرى يېڭى بولۇشى، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇشى، ئۆزىگە تەلەپ قويۇشتا قاتتىق بولۇشى، پەزىلىتى دۇرۇس بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى پېشقەدەم مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ «ئۆزىنى بېغىشلاش، تەما قىلماسلىق» روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، سەمىمىي قەلب، ئۆزىنى بېغىشلاش قەلبى، مېھرىبانلىق قەلبى بىلەن مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش ۋە دەل جايىدا تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بەس - بەستە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، ياخشى ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزدىكى كەڭ ئاياللار يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، ئاياللار ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن «يېرىم دۇنيا»لىق مۇھىم رول ئوينىدى. بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى سەپلەردە كەڭ ئاياللار باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، يېڭى دەۋر ئاياللىرىنىڭ قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. كەڭ ئاياللارنىڭ ئۇلۇغ ئىشنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن، مەدەنىي كەيپىياتنىڭ تەشەببۇسچىلىرىدىن، ئارزۇنى قوغلىشىشقا جۈرئەت قىلىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى كەڭ ئاياللارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، كەڭ ئاياللارنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە باش قەھرىمانلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، دۆلىتىمىز ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاياللار ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئەھمىيەت بېرىش، كۆڭۈل بۆلۈش، قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، جاڭ چىڭلى، ۋەن گاڭ، لۇ جەنگۇڭ، لى بىن قاتارلىقلار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ