مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى نىگماتۇرىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2021.03.18 12:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 17- مارت خەلق سارىيىدا سىن شەكلىدە قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى نىگماتۇرىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىۋاسىتە تۈرتكىسىدە، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلدى. بۇلتۇر 3- ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ توقايېۋ بىلەن تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، قازاقىستانمۇ مۇستەقىللىقنىڭ 30 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە ئورتاق چىڭ تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋەئەمىنلىكىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو-قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى جانلىق شەرھلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق ئەمەلىي ھەمكارلىقلاردا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كەلدى. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە«پارلاق يول» يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەتنى تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. خەلقئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئورتاق ھەققانىي سادا چىقىرىش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسى جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق قازاقىستان پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ھازىرقى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ، مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تونۇشى ۋە ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قانۇن كاپالىتى ۋە سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە بېرىش-كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى بېكىتىشنى جۇڭگو-قازاقىستان جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاق مۇددەتلىك ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-قازاقىستاننىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  لى جەنشۇ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.

  نىگماتۇرىن مۇنداق دېدى: قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. قازاقىستان پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز، جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىڭ جۇڭلى سۆھبەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ