مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.03.17 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 16-فېۋرال بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئۆزى تۈرتكە بولغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، شەھەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن-ئاخىر تۈپ قوللانما قىلىپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۇتقىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك، بىر پۈتۈنلۈك بويىچە پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىر گەۋدىلەشكەن قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «رېلىستىكى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي» بەرپا قىلىپ، رايون تاشيول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ئايرودۇرۇم توپى ۋە پورت توپىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، تارقاقلاشتۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، يىرىك پىلان بويىچە مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قەتئىي تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش تۈرلىرىگە بولغان مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، بولۇپمۇ بەيياڭديەننى قوغداش ۋە تۈزەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. توڭجوۋ رايونى بىلەن شىمالدىكى ئۈچ ناھىيەنىڭ ماس تەرەققىياتىنى قوللاپ، قاتناش، مۇھىت ئاسراش، كەسىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تيەنجىننىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تيەنجىننىڭ شىمالىدىكى خەلقئارا سۇ تىرانسپورت تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.

  لى خۇڭجۇڭ، سەي چى، ۋاڭ يۇڭ، خې لىفېڭ ۋە بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ