مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ گىۋىيانا زۇڭتۇڭى ئالى بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.03.17 17:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-مارت كەچتە گىۋىيانا زۇڭتۇڭى ئالى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گىۋىيانانىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇلتۇر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن گىۋىيانانىڭ ئىككى تەرەپلىك سودىسى تەتۈر ئېشىپ، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا، كەڭ ئىستىقبال ۋە غايەت زور پۇرسەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئېتىبار بېرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو-گىۋىيانا مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو گىۋىيانا بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، گىۋىيانانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بېرىشنى ۋە قوللاشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن گىۋىيانا ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، نۇرغۇن خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا سىستېما ئىسلاھاتىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. گىۋىيانانىڭ جۇڭگونىڭ كارىب رايونى بىلەن بولغان ئومۇمىي ھەمكارلىقى ھەمدە جۇڭگونىڭ كارىب ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئالى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن مەن ۋە گىۋىيانادىكى مۇھىم پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، مىنىستىرلار بىرلىكتە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلىشىپ، جۇڭگونىڭ گىۋىيانانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا مەردلىك بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتۇق، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن دۇنياۋى مەسىلىلەردە مۇھىم رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىمىز. گىۋىيانا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم. گىۋىيانا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونى گىۋىيانانىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ. گىۋىيانا جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇشنى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گىۋىيانا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. گىۋىيانا كارىب ئورتاق گەۋدىسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇشىنى قوللايدۇ ۋە خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ