13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

2021.03.12 21:14 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىندا، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار تەستىقلاندى

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى



  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملىغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار تەستىقلاندى. يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 73-، 74-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى. يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى.

  يېپىلىش يىغىنىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2953 بولۇپ، 2896 ۋەكىل قاتناشتى، 57 ۋەكىل قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 تە، لى جەنشۇ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىغىن گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەر ۋە 2021-يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسىي نىشانى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قوشۇلۇپ، بۇ يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تەڭكەش تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، مۇقىم، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. بۇ ئىككى قارار 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسى»گە بۇ ئىككى قارارغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، قايتا ئېلان قىلىندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى؛ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ 2020-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2021-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، 2020-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2021-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2021-يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدىن بۇيانقى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەرگە قوشۇلۇپ، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللىنىپ، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

  ئارقىدىن لى جەنشۇ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىدا بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن تۈرلۈك قارالمىلار تولۇق تاماملاندى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يىغىندا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلىپ، خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقى ئىپادىلەندى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلار قاراپ چىقىلىپ تەستىقلاندى، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى تەكشۈرۈلۈپ تەستىقلاندى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى، بارلىق ۋەكىللەر ئۇنى يۈكسەك قۇۋۋەتلەپ، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش، شياڭگاڭنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە بايرىقى روشەن ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن بىر تۇتاش ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسى ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دۆلەت خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ بايرىقى روشەن ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مۇقىم سىياسىي مۇھىت ۋە كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛ بايرىقى روشەن ھالدا شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا مۇھىم رول ئويناپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە تىرەك بولۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش؛ بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى، ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى توغرا، ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتى قەيەردە بولسا، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى شۇ يەردە بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى نېمە بولسا، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە شۇنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش؛ بايرىقى روشەن ھالدا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللەرنى ھۆرمەتلەپ، ۋەكىللەرگە تايىنىپ، ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالغان تارىخىي پەيتتە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، لى جەنشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يۇشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۈنخۇا، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، يۇ چۈەن، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جۇ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خۇخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى سىرتتىن ئاڭلىدى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ