بۇ قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە زۇڭلى ئىنكاس قايتۇردى

2021.03.12 19:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، زۇڭلى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان مۇخبىرلار يىغىنىنىڭ ئۇچۇر مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، باشقا جايدا داۋالىنىش، جۇڭگو ئىقتىسادى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قاتارلىق سىز كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلدى.

  جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ

  بۇ يىل شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى بېكىتتۇق، ئەمەلىي ئىجرا قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ يۇقىرىراق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىر تەرەپتىن نىسپىي مۇقىم ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە داۋاملىق ئىلھام بېرىش، يەنە بىر تەرەپتىن جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كەڭ ئېچىش كېرەك. ھازىر جۇڭگودا جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، بۇ 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمگە چېتىلىدۇ. بەزىلەر ئۆزى يالغۇز بىر نەچچە كىشىلىك ئىش قىلىدۇ، ناھايىتى جاپالىق، شۇڭا بىز ئۇلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى بېرىشىمىز، بولۇپمۇ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كەسپىي زەخىم مەسىلىسىنى مېخانىزملىق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىپ، ئۇلارنى ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  بۇ يىل ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ

  بۇ يىل ئامبولاتورىيە خىراجىتىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر بىر ناھىيە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدىن بىرنى بېكىتىپ، ئامبولاتورىيە ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە ئاتچوت قىلسا بولىدۇ، ياشانغانلار بۇنىڭدىن بىئارام بولسا بولمايدۇ. ھۆكۈمەت خادىملىرى كۆپرەك كۆڭۈل بۆلسە، ياشانغانلار ۋە ئائىلىلەرنى كۆپرەك راھەتكە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.

  ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى توردا بېجىرىش، تېلېفوندا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

  ھۆكۈمەت مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىدىكى كارخانىلارغا چېتىلىدىغان، خەلق ئاممىسى دائىم بېجىرىدىغان ئىشلارغا قارىتا تىرىشىپ توردا بېجىرىش، تېلېفوندا بېجىرىش، بىر قېتىمدا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە، جەمئىيەتنى ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىش كېرەك.

  ناھىيە، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

  بىر ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى: ھازىر ناھىيە، يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى كەمچىل، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى يۇقىرى ئەمەس، ئوقۇش تارىخىنى ئۆستۈرۈشمۇ تەس، دېدى.

  بىز بۇ يىل قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ناھىيە، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى خىزمەت جەريانىدا قولاي ھالدا ئوقۇش تارىخىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز، ئۇنۋان باھالاشتا مايىللىشىش سىياسىتىنى قوللىنىشىمىز كېرەك. شەھەرلەردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئالسىلا، ئۇلارنى تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ھەرگىزمۇ ئائىلە ئەھۋالى، رايون ئوخشىماسلىق سەۋەبلىك بالىلارنى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇتتۇرغۇزۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. پۇرسەت ئادىللىقى ئىچىدە، مائارىپ ئادىللىقى ئەڭ چوڭ ئادىللىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ