زۇڭلى لى كېچياڭ مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

2021.03.12 21:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىننىڭ باياناتچىسى جاڭ يېسۈينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلانغاندا، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تاراتقۇلاردىكى دوستلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگونىڭ «ئىككى يىغىن»نى خەۋەر قىلىشقا قوشقان ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ يىل بىز يەنىلا داۋاملىق تۈردە ۋىدىئو ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىمىز. كۆپچىلىك، قېنى سوئالىڭلارنى سوراڭلار.

  ئامېرىكا ئىستېمالچىلار خەۋەرلىرى ۋە سودا قانىلىنىڭ مۇخبىرى: لى زۇڭلى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى تاماملاش شەكلى ۋە ئورنىغا تەسىر كۆرسەتتى، يۇقۇم يۈز بەرگىنىگە بىر يىل بولدى، جۇڭگونىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ۋە كىرىمىدە قانداق روشەن ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ جۇڭگو قانداق كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ بۇ خىل ئەھۋالنى ياخشىلايدۇ؟ بولۇپمۇ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىدەك ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئىستېمال ئېھتىياجىغا، بولۇپمۇ چەت ئەل ماركا ئىستېمالىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

  لى كېچياڭ: ئىشقا ئورۇنلىشىش بىر دۆلەتكە، بىر ئائىلىگە نىسبەتەن غايەت زور ئىش. بۇلتۇر يۇقۇم يامرىغاندا، نۇرغۇن كوچىلاردا پىيادىلەرنى كۆرگىلى بولمايتتى، كۆپ ساندىكى دۇكانلار تاقالغان ئىدى، ئەينى چاغدا بىزنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىمىز كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىقنىڭ كۆرۈلۈشى ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، كېيىن مەن يەرلىككە تەكشۈرۈشكە بارغىنىمدا، نۇرغۇن دۇكانلارنى كۆرگەن ئىدىم. مەن بىر كىچىك دۇكانغا كىرگەندە، دۇكان غوجايىنى ماڭا: بىز ئۈچ ئايغىچە تىجارەت قىلالمىغان ئىدۇق، كېيىن، ھۆكۈمەت باجنى كېمەيتىپ-كەچۈرۈم قىلىپ، ئۆي ئىجارىسى، سۇ ۋە توك ھەققى قاتارلىقلارنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشنى قوللاپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغى نەقلەشتۈرۈپ بەرگەچكە، بىز خادىم قىسقارتماي تۇرۇپ تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، بەرداشلىق بەردۇق، دېگەن ئىدى. مەن يەنە «خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى قانداق قىلدىڭىز؟» دەپ سورىۋېدىم، ئۇ غوجايىن ماڭا: «شۇ چاغدا مائاش بېرەلمەي، پەقەت تۇرمۇش پۇلىلا تارقىتالىدۇق»، دېۋىدى، شۇ چاغدا نەق مەيداندا سۆھبىتىمىزنى تىڭشاپ تۇرۇۋاتقان 20 نەچچە ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى گەپ قىستۇرۇپ، غوجايىنىمىز دۇكاندا ئۈچ ۋاقلىق تامىقىمىزنى بېرىپ ۋە ياتىقىمىزدا ياتقۇزۇپ، بىزنى ئىش ئورنىدا ساقلاپ قېلىۋاتسا، بىز بۇنىڭغا يەنە نېمە دېيەلەيمىز، دېيىشتى. دېمەك، كارخانا ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئايانكى، پەقەت كارخانىنى ساقلاپ قېلىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغاندىلا، ئىشنى ۋە بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىلا، سودا جانلىنىدۇ.

  بۇلتۇر بىز ماكرولۇق سىياسەت تۈزگەن چېغىمىزدا، ئېنىقسىز ئامىللار بەك كۆپ بولغاچقا، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى بېكىتەلمىگەن ئىدۇق. لېكىن، قايتا-قايتا دەڭسەش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ نىشانىنى يەنىلا بېكىتىپ چىقتۇق، نەتىجىدە، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 9 مىليوندىن ئاشتى. ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا بايلىق يارىتىشنىڭ مەنبەسى بولغاچقا، شۇ چاغدا بىز پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق. بۇنداق قىلىشىمىزدا بىز ئەسلىدە شۇنىڭغا ئىشەندۇقكى، بىز شەھەر-بازارلاردا 9 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرساقلا، ئىقتىسادتا مۇسبەت ئېشىش بولىدۇ، چۈنكى، كىشىلەر ئىشقا ئورۇنلاشقاندىلا كىرىم بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىستېمالغا تۈرتكە بولغىلى، ئىقتىسادقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

  بۇلتۇر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كىشىلەر ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، بىزنىڭ بازار سۇبيېكتىمىز كۈچلۈك چىدامچانلىقىنى نامايان قىلدى، كەڭ خەلق ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ئاخىرىدا شەھەر-بازارلاردا 11 مىليون 860 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، نەتىجىدە، پۈتۈن يىلدا ئىقتىسادنى %2.3 ئاشۇرۇش ۋە ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇناسىپ ھالدا ئاشۇرۇش ئەمەلگە ئېشىپ، ئىشلار كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى.

  بۇ يىل بىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىمىز يەنىلا ناھايىتى ئېغىر، چۈنكى، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچى تەخمىنەن 14 مىليونغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر 9 مىليون 90 مىڭ بولۇپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئۇنىڭدىن سىرت، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يەنە 270 مىليوندىن 280 مىليونغىچە بولغان دېھقان ئىشلەمچىنى ئىشلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ يىل بىز ماكرولۇق سىياسەت تۈزگەندە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىشىمىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىشىمىز لازىم. بۇلتۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەردە، تەڭشەش، كېمەيتىپ چېكىندۈرۈش ئەمەس، تېخى يەنە بىر ئاز كۆپەيتىش بولدى، باشقا سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولدى. ئىشىنىمىزكى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنىغا تۈرتكە بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بولسا، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  بۇ يىل شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى بېكىتتۇق، ئەمەلىي ئىجرا قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ يۇقىرىراق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا يەنىلا بازارنى باش رولچى قىلىش، يەنى داۋاملىق بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى بىزگە ناھايىتى ئېنىق. بىر تەرەپتىن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. بۇلتۇر يۇقۇم جەريانىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇسۇلىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، بىزنىڭ بۇ بىر نەچچە يىللىق تەرەققىياتىمىزدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەمىز، جۈملىدىن توردا مال سېتىۋېلىش، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىقلار ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بىز بىر تەرەپتىن نىسپىي مۇقىم ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە داۋاملىق ئىلھام بېرىشىمىز، يەنە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنىمۇ كەڭ ئېچىشىمىز كېرەك. ھازىر جۇڭگودا جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، بۇ 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمگە چېتىلىدۇ. بەزىدە بىر ئادەم بىر نەچچە ئىش قىلىدۇ، ناھايىتى جاپالىق، شۇڭا بىز ئۇنداق كىشىلەرگە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى بېرىشىمىز، بولۇپمۇ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كەسپىي زەخىم مەسىلىسىنى مېخانىزملىق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىپ، ئۇلارنى ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. بۇمۇ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرىنىڭ تېخىمۇ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

  بايا مۇخبىر دوستلار تىلغا ئالغان ياشانغانلار مەسىلىسىگە كەلسەك، جۇڭگودا ياشانغانلار نوپۇسى 260 مىليونغا يېتىدۇ، ياشانغانلار كەسپىنى غايەت زور گۈللىنىۋاتقان كەسىپ دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجنى ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو بازىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، بۇنداق كەڭ بازار مۇقەررەر ھالدا چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى، مۇلازىمىتى، ھەتتا مەبلەغ سېلىشىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ بازىرىمىز ئېچىۋېتىلگەن.

  جۇڭگودا 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇس بار، ئەمگەك كۈچى بايلىقىنى ئەڭ مول بايلىق دېيىشكە بولىدۇ، جۇڭگو خەلقى جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى بولسىلا، كۆپرەك پۇل تاپالايدۇ. «خەلق تۇرمۇشى تىرىشچانلىققا باغلىق، تىرىشچانلىق بولسا يوقسۇزلۇق بولمايدۇ.» جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، ئورتاق بېيىش يولىغا قەدەم تاشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  ئىسپانىيە ئېفېي ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى ئالدىنقى ئايدا ۋۇخەنگە زىيارەتكە كەلگەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىغا قارىتا ئاشكارىلىق دەرىجىسى كەمچىل بولدى، دەپ ئەيىبلىدى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جۇڭگو تەرەپ خىزمەتداشلىرىنىڭ نۇرغۇن خىزمەت تەپسىلاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولغانلىقىنى كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ 2019-يىلى 10-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كېسەللىك بىمارلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىپتىدائىي سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو تەرەپ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى تەمىنلەشنى خالامدۇ ياكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىنى يەنە بىر قېتىم كۈتۈۋېلىشنى خالامدۇ؟

  لى كېچياڭ: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئوخشاش، ۋىرۇسنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. لېكىن يۇقۇمنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەقىقەتەن بىر مۇرەككەپ ئىلمىي مەسىلە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىجىل تەتقىق قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىش پىرىنسىپى ۋە پوزىتسىيەسى بويىچە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ جۇڭگودا مەنبەنى تەكشۈرۈش تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنىمۇ قوللىدى. كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە مەنبەنى ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

  نۆۋەتتە يۇقۇم يەنىلا يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈپلا قالماي، يەنە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، جۈملىدىن ۋاكسىنا ئەملەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى مۇشۇنداق بىر ئىنسانىيەت ئورتاق دۈشمىنى ئالدىدا، ھېچقانداق دۆلەت ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدۇ. بىز يەنە شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بۇ كېسەللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىقتىدارى بار، مەن يەنە كېلەر يىلى بىزنىڭ يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرالىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى گېزىتى مۇخبىرى: سىز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا 2021-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى %6 تىن يۇقىرى دەپ ئوتتۇرىغا قويدىڭىز، نۆۋەتتە نۇرغۇن خەلقئارا ئاپپاراتلار جۇڭگونىڭ 2021-يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى %8 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. «14-بەش يىل» نىڭ باشلىنىش يىلىدا، مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش كۆلىمى زورايغاندىن باشقا، يەنە دۇنيا خاراكتېرلىك مەبلەغ ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۆي-زېمىن سېلىنمىسى قىزىپ كېتىش خەۋىپى مەۋجۇت، ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى كەڭ مالىيە ۋە پۇل سىياسىتىنى قوللاندى. زۇڭلىدىن سوراپ باقسام، بۇنداق ئەھۋالدا بۇ يىل ماكرولۇق سىياسەتنى چىڭراق يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ ياپونىيە ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى 2028-يىلى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

  لى كېچياڭ: دىققەت قىلدىمكى، بىز ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادنىڭ %6 تىن يۇقىرى ئېشىش كۆزلىمە نىشانى ھەقىقەتەن كۆپ تەرەپنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، نۇرغۇن تەھلىللەر بار. بەزىلەر ئاكتىپ دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن دەپ قارايدۇ. بىز ئەلۋەتتە ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، بۇ يىل ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىش ئاساسىدا ئىلگىرىلەيدىغان بولۇپ، نۇرغۇن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئېنىقسىزلىق يەنىلا ناھايىتى زور. بىز %6 تىن كۆپرەك ئاشۇرىمىز دېدۇق، %6 نى تۆۋەن دېگىلى بولمايدۇ، ھازىر ئىقتىسادىمىزنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 100 تىرىليون يۈەنگە يەتتى، %6 ئاشۇرساق 6 تىرىليون يۈەن بولىدۇ، بۇنى «13-بەش يىل»نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە قويساق، %8 تىن يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتى بولغاندا، ئاندىن بۇ ئىقتىسادىي مىقدارغا يەتكىلى بولىدۇ.

  ئۇنىڭ ئۈستىگە %6 تىن كۆپرەك ئېشىشنى مۆلچەرىي دەپ تۇردۇق، ئەمەلىي جەرياندا تېخىمۇ كۆپرەك ئېشىشى مۇمكىن. لېكىن بىز پىلان تۈزمىدۇق، بەلكى كۆزلىمىنى يېتەكلەيمىز، كۆزلىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش، ئېشىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقنى ساقلاشقا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلىمىز، بولۇپمۇ كېلەر يىللىق، كېيىنكى يىللىق نىشان بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشىمىز، چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلماسلىقىمىز كېرەك، بولمىسا بازارنىڭ كۆزلىمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بىردەملىك تېز مېڭىشنىڭ مۇقىم مېڭىش بولۇشى ناتايىن، پەقەت مۇقىم ماڭغاندىلا ئاندىن كۈچلۈك ماڭغىلى بولىدۇ. بىز يەنىلا جۇڭگودىن ئىبارەت غايەت زور ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  بۇلتۇر ئاز كۆرۈلىدىغان زور زەربە ئالدىدا، بىز ۋاقتىدا كەسكىن تەدبىر قوللاندۇق، لېكىن ئىرادىنى ساقلاپ قالدۇق، «باستۇرۇپ سۇغىرىش» ئېلىپ بارمىدۇق. بىز يېڭىدىن كۆپەيتكەن مالىيە مەبلىغىنىڭ كۆلىمى 2 تىرىليون يۈەن بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى بازار سۇبيېكتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا ئىشلىتىلدى، ئاساسلىقى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىلدى، يەنە كېلىپ بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى قوللىنىپ، بۇ «جاننى قۇتقۇزىدىغان پۇللار»نى ئەڭ تېز بولغاندا يەتتە كۈن ئىچىدە ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق مالىيە كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ناھايىتى تېزلا ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. ئەگەر بىز ئەينى ۋاقىتتا چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇش، چوڭ كەسىپلەرنى يولغا قويۇشنى نۇقتىلىق ئويلاشقان بولساق، بۇ ھاجەتسىز ئەمەس، لېكىن بۇ دەلىللەشتىن ئۆتۈشى كېرەك، يەنە بازار ئېھتىياجىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغا 200 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ، پەقەت بىر ھەپتە ۋاقىتتا قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە، كارخانىلار كۆپلەپ تاقىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇلتۇر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بەزى مۇخبىرلار جۇڭگو ھۆكۈمىتى قوللانغان سىياسەتنىڭ كۆلىمى ۋە سالمىقىنىڭ كىچىكرەك بولۇپ قالغان-قالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بىز «ئوغۇت»نى تۈپ يىلتىزىغا، سىياسەتنى دەل جايىغا بېرىمىز، شۇڭا ئۈنۈمى تېز، رولى بار. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ كۆلەمنىڭ سالمىقى مۇۋاپىق بولدى، تەييارلىغان زاپاس سىياسەتلەرنى كېيىن ئىشلەتمىدۇق.

  بۇلتۇر بىز كەڭ قويۇۋېتىش سىياسىتىنى ياكى مىقدارلاشتۇرۇپ كەڭ قويۇۋېتىشنى يولغا قويمىدۇق، بۇ يىلمۇ «جىددىي بۇرۇلۇش» ياساشنىڭ ھاجىتى يوق، يەنىلا سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ياخشىلىنىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىنى ساقلاشتا يەنىلا «ئوغۇت»نى يىلتىزىدىن بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ھازىر بازار سۇبيېكتى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار يەنىلا ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىز سىياسەتنى مۇۋاپىق تەڭشىشىمىز كېرەك، لېكىن تەڭشەش مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، بەزى باسقۇچلۇق سىياسەتلەر قايتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بەزى قۇرۇلمىلىق باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى ئارقىلىق تەسىرنى تۈگىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئازايتماسلىقىمىز كېرەك.

  سالمىقىنىڭ ئازايماسلىقىنى قانداق ساقلاش كېرەك؟ مەبلەغ كۆلىمى ئەلۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن پۇلنى ياخشى ئىشلىتىش تېخىمۇ مۇھىم، بىز بۇلتۇر ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە توپلىغان تەجرىبىلەرنى يەنە داۋاملىق ئىشلەتسەك بولىدۇ. مەسىلەن، مالىيە، پۇل مۇئامىلە جەھەتتە ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، «بىرنى كېمەيتىش، بىرنى ئاشۇرۇش، بىرنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا تۆۋەنلىتىش» كېرەك. «بىرنى كېمەيتىش» دېگەندە، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز دەرىجىلىك چىقىمىنى ئازايتىش، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر باشلامچىلىق بىلەن غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك؛ «بىرنى ئاشۇرۇش» دېگىنىمىز، مەبلەغنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە بازار سۇبيېكتلىرىغا سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنىڭ ئازايمىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا كارخانا ۋە ئاممىغا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ؛ «بىرنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا تۆۋەنلىتىش» دېگىنىمىز، پىشاڭ نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنى پايدىنى مۇۋاپىق ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يېتەكلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا تۆۋەنلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز.

  جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ تۈپ مەقسىتى − جۇڭگو خەلقىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭگو ھېلىھەم بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنە ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز مەۋقەنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشقا قويىمىز. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا نىسبەتەن مۇھىم تۆھپە ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: زۇڭلى ياخشىمۇ سىز. ئالدىنقى ئىككى يىلدا دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى باشقا جايدا ئاتچوت قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، باشقا جايدا داۋالىنىشقا زور قولايلىق يارىتىلدى. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇن ياشانغانلار باشقا جايدا كۈتۈنىدۇ، ئۇلار ئامبۇلاتورىيىدە كېسەل كۆرسەتسە، دورا يېزىپ بېرىلسە يەنە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ئاتچوت قىلىدۇ، بۇ ئىنتايىن قولايسىز، شۇڭا ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش قاچان ھەل قىلىنىدۇ؟

  لى كېچياڭ: مەن جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدىكى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن قالدۇرۇلغان سۆزلەردە بۇ خىل مەسىلىلەرنى كۆردۈم. دەرۋەقە، بەزى مەكتەپلەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، كۆپچىلىك نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ بالىلارنى ئاپىرىپ-ئەكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، بۇ ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقا جايدا كۈتۈنىدۇ ياكى پەرزەنتلىرىگە ياردەملىشىپ بالىلىرىنى بېقىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر دائىم باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ، بۇ مەسىلىنى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ تەدرىجىي ھەل قىلىش كېرەك. بۇ يىل بىز ئامبولاتورىيە خىراجىتىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز، كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر بىر ناھىيە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىنى بېكىتىپ، ئامبولاتورىيە ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىشى كېرەك، ئەمدى ياشانغانلارنى بىئارام قىلساق بولمايدۇ. بۇ ئىش، يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بار، قارىماققا ئانچە چوڭ ئەمەس، ھۆكۈمەت خادىملىرى كۆپرەك كۆڭۈل بۆلسە ياشانغانلارنى، ئائىلىلەرنى خاتىرجەم قىلغىلى بولىدۇ.

  سۇمرۇغ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى: ئۆتكەن بىر يىلدا شياڭگاڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن يەتكۈچە زەربىگە ئۇچرىدى، كەلگۈسى ئىككى يىلدا يەنە سايلام يىلىغا كىرىدۇ، بۈگۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا قارار چىقاردى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭدىكى سايلامغا ئالاقىدار قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ. تاشقى دۇنيا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نىڭ قانداق شەكىلدە داۋاملىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە. سىزنىڭچە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» شياڭگاڭدا قانداق قىلغاندا كەلگۈسىدە مۇقىم ئىلگىرىلىيەلەيدۇ؟

  لى كېچياڭ: بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق، ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق.

  بايا سىز مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدە قارار چىقارغانلىقىنى سورىدىڭىز، قاراردا، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىشى»دا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ شۇنداقلا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.

  بۇلتۇر شياڭگاڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، بىز شياڭگاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەركىزىي ھۆكۈمەت داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.

  مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى: دۆلەت پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن ھازىر بەزى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا كەمتۈكلۈك مەۋجۇت، ھەتتا «كانايدىن بوغۇلۇپ قېلىش» ئەھۋالى كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرىنى كۆردۇق، مەسىلەن، بەزى رايونلاردا، بەزى يۇقىرى، يېڭى كەسىپ تۈرلىرىگە كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىشتا ئاخىرى تاشلىنىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. سىز بۇنداق ئەھۋالغا قانداق قارايسىز؟ كەلگۈسىدە ھۆكۈمەت پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يەنە قانداق يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ؟

  لى كېچياڭ: كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە بەزى زور بۆسۈشلەر بولدى، قوللىنىشچان يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىمۇ ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى، لېكىن ئاساسىي تەتقىقات ساھەسىدە ھەقىقەتەن يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت. پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇل تەتقىقات ۋە قوللىنىشچان ئۇل تەتقىقاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك. قانچىلىك چوڭقۇر ئۇل سالغاندا، ئاندىن شۇنچىلىك ئېگىز بىنا سالغىلى بولىدۇ. كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ، بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن مېڭىش كېرەك.

  نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى تېخى يۇقىرى ئەمەس، بولۇپمۇ ئاساسىي تەتقىقات سېلىنمىسى تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ ئاران %6 ىنى ئىگىلەيدۇ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئادەتتە %15 تىن %25 كىچە بولىدۇ. بىز كېيىنكى قەدەمدە ئاساسىي تەتقىقات سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىمىز، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسىنى داۋاملىق ئىسلاھ قىلىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك، مۇھىمى پەن تەتقىقات خادىملىرىنى خىراجەتنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش كېرەك، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قىممەتلىك زېھنىي كۈچىنى جەدۋەل تولدۇرۇش، سېلىشتۇرۇپ باھالاش قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يول قويۇش كېرەك. سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مەن ياش ئوقۇغۇچىلارغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلاي، سىلەرنىڭ كەلگۈسىدە قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىڭلار، قانداق ئىرادەڭلار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىڭلار، ئاساسىي ماھارەتنى مۇستەھكەملەش بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ. دەرەخ مىڭ گەز ئېگىزلىكتە بولسىمۇ، ئوزۇقلۇقى يەنىلا يىلتىز قىسمىدا. ئاساس پۇختا سېلىنسا، كەلگۈسىدە يېقىن كەسىپلەردىمۇ شۇغۇللىنىشقا بولىدۇ، ھەممە ساھەدىمۇ ياخشى نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.

  يېڭىلىق يارىتىشتا يەنىلا بازارنىڭ كۈچىگە تايىنىش كېرەك. كارخانا − يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتىدۇر. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە ھۆكۈمەت پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنى داۋاملىق كۆپەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ تەتقىقات سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىگە تايىنىش لازىم، شۇڭا بىز «پۈتكۈل جەمئىيەت»تىن ئىبارەت بۇ ئېغىزدىكى تەتقىقات سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى مېخانىزملارنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، بۇ يىل بىز ياسىمىچىلىقنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى سېلىنمىسىنى قوشۇپ ھېسابلاپ %100نى چىقىرىۋېتىش تەدبىرىنى قوللاندۇق، بۇ، ئەمەلىيەتتە بىر تۈرلۈك باجدا ئېتىبار بېرىش بولۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈزۈمى چارىسى ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا مەبلەغ سېلىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، تەتقىقاتتا ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش كېرەك، جۇڭگونىڭ ئىختىساسلىقلار بايلىقى مول. بىز بىر تەرەپتىن باشلامچى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە يول قويۇشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى بارلىقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىز «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش»قا تۈرتكە بولۇپ، «ھەممە يېڭىلىق يارىتىش» ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىي يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولدۇق، شۇنداقلا ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ زور بوشلۇق ئېلىپ كەلدۇق.

  بىز، پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشىمىز، ئالىملار جاسارەت بىلەن تىرىشىشى كېرەك دەيمىز، بۇ خەلقئارا ھەمكارلىق، كەسىپداشلار ئالاقىسىگە زىت كەلمەيدۇ. ئىلمىي ئىزدىنىش ۋە كەشىپ قىلىش-بايقاشتا ھەمكارلىشىشقا، ئورتاق تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆزىنى سولۇۋېلىشنىڭ ئىستىقبالى بولمايدۇ، زەنجىر ئۈزۈلسە ھېچكىمگە پايدىسى يوق. جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئاساسىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ مۇخبىرى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى كۆپ قېتىم بۇنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قارشى ئىنتايىن خاتا سىياسەتنى يولغا قويغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلارمۇ ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشىشىنى ئۈمىد قىلدى. لېكىن ۋاشىنگىتوندىن كەلگەن نۇرغۇن ئاۋاز جۇڭگونىڭ ھۆكۈمى ۋە مەيدانىنىڭ مۇھىم ئىككى نۇقتىغا سەل قارىغانلىقىنى بىلدۈردى: بىرى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى ئىككى تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، ھەرگىزمۇ جۇڭگو تەرەپ دائىم دېگەندەك مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي ئامېرىكىدا ئەمەس؛ يەنە بىر نۇقتا شۇكى، جۇڭگوغا بولغان پوزىتسىيە ۋە مۇھىم، زور سىياسەتلەردە، مەيلى يۇقۇمنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشتە بولسۇن ياكى شياڭگاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق مەسىلىلەردە بولسۇن، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىككى پارتىيەسى ئەمەلىيەتتە يۈكسەك ئورتاق تونۇشقا ئىگە. سىز بۇ خىل ئامېرىكىدىن كەلگەن كۆز قاراشقا قانداق ئىنكاس قايتۇرىسىز؟ بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو كېلەر ھەپتە ئالياسكىدا بايدېن سەھنىگە چىققاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدە، جۇڭگو ئالاقىدار سىياسەت مەيدانىنى تەڭشەپ ياكى ئۆزگەرتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى قايتا باشلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولامدۇ؟

  لى كېچياڭ: ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەقىقەتەن ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە دۇنياغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئۇرۇشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق. جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقىنىغا 40 نەچچە يىل بولدى، بوران-چاپقۇن، ئەگرى-توقايلىقتىن ئۆتۈپ ئالغا ئىلگىرىلەش دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. بىز ئىككى تەرەپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن تېلېفونلاشقاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھى بويىچە، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ھەم ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى.

  جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، تەرەققىيات باسقۇچى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغاچقا، بىر-بىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشتە زىددىيەت، ئىختىلاپ بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بەزىدە ھەتتا بىر قەدەر ئۆتكۈر بولىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ قانداق مۇئامىلە قىلىشتا. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ئەقىل-پاراسەتلىك، ئىقتىدارلىق، ئىككى تەرەپ يەنىلا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. بىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۆپ ساھە، كۆپ قاتلاملىق سۆھبەتتە بىر مەھەل ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىغان تەقدىردىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، گۇماننى تۈگىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ، باشقۇرۇش-تىزگىنلەشكە ۋە ئىختىلاپنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان نۇرغۇن ساھەلەر بار. بۇلتۇر كۆپ قېتىم زەربىگە ئۇچرىغان ئەھۋالدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا كۆلىمى يەنىلا 4 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، % 8. 8 ئاشتى. بىز يەنىلا تېخىمۇ كۆپ زېھنىمىزنى ئورتاق نۇقتىغا قويۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم مەسئۇلىيىتى بار. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە ئالغا سىلجىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: سىز بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدىڭىز. ھازىر بەزى بازار سۇبيېكتلىرى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت، ئادىل رىقابەت، بازار مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە بەزى قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكاس قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل ھۆكۈمەت قانداق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ؟

  لى كېچياڭ: بۇلتۇر ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدىكى گەۋدىلىك بىر نۇقتا شۇكى، ماكرولۇق سىياسەت تۈزگەندە ۋە يولغا قويغاندا، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ ئويلىشىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى تىكلىدۇق. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈردۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق. بازار سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرگەندە بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى بەش يىلدا، بازار سۇبيېكتىمىز 60 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلە كۆپەيدى. بۇلتۇر يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە، كېيىنكى مەزگىلدە تېز سۈرئەتتە ئېشىش ئەسلىگە كەلدى، ھازىر بازار سۇبيېكتىنىڭ ئومۇمىي سانى 130 مىليون ئائىلىدىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلتۇر يەككە سودا-سانائەتچىلەر يەنە 10 مىليون ئائىلىدىن ئارتۇق كۆپىيىپ، 80 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىدىن 90 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىگە كۆپىيىپ، 200 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، جانلىنىش دەرىجىسى ئۆستى، بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تىرىشىش يۆنىلىشى.

  بۇ يىل بىز سىياسەت تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتا، يەنىلا داۋاملىق بازار سۇبيېكتىنى چۆرىدەپ ئايلىنىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، بازار سۇبيېكتىنى مەۋجۇت قىلىپلا قالماي، يەنە جانلاندۇرۇش كېرەك. بۇلتۇر بىز يېشىل تاغ قالدۇرساق، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، دېگەنىدۇق، بۇ يىل بازار سۇبيېكتى بولغان يېشىل تاغ قالدۇرۇلسا، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئېلاستىكلىقىنى تولۇق نامايان قىلغىلى بولىدۇ، دېدۇق. شۇڭا، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىمى بازار سۇبيېكتىنىڭ تېگىشلىك ھوقۇق دائىرىسىنى ئۇلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىسىدا، بىز داۋاملىق ھالقىنى ئازايتىپ، ماتېرىيالنى، خىراجەتنى، ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئازايتىشىمىز كېرەك. بىر تەرەپتىن بازار سۇبيېكتىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، دادىل رىقابەتلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئەلۋەتتە، رىقابەتتە ئادىل رىقابەتلىشىپ، جەزمەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك. ئادىل باشقۇرۇش، ھەققانىي باشقۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بازار سۇبيېكتى ھەقىقىي ئىجادچانلىقىنى نامايان قىلالايدۇ. شۇڭا بىز قويۇپ بېرىش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلاھات. بىز «ئالاقە تورى +»، نەرسە تورىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى قوللايمىز، لېكىن كۆز بويامچىلىق قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش، لەۋزىدە تۇرماسلىق ياكى يېڭى كەسىپ ھالىتى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك، چۈنكى بازار قالايمىقانلىشىپ كەتسە، ئادىللىق بولمىسا، رىقابەت داۋاملاشمايدۇ، تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلالمايدۇ.

  ھۆكۈمەت يەنە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىش، سەمىمىي بولۇش، ئىنچىكە ئىشلەش ئارقىلىق مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىت يارىتىشى كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى كارخانىلارغا چېتىلىدىغان، خەلق ئاممىسى دائىم بېجىرىدىغان ئىشلارغا قارىتا تىرىشىپ توردا بېجىرىش، قولدا بېجىرىش، بىر قېتىمدا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە، جەمئىيەتنى ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىش كېرەك.

  تەيۋەن سىمسىز سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا، تەيۋەن تەرەپ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە ھازىر تىنچلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى، چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ، كەلگۈسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

  لى كېچياڭ: بىزنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان مۇھىم فاڭجېنىمىز ئىزچىل، شۇنداقلا ئىنتايىن ئېنىق، يەنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرىمىز. مۇشۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، بىز تەيۋەندىكى ھەرقانداق پارتىيە، تەشكىلاتنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى قارشى ئالىمىز، تەيۋەندىكى ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە زاتلارنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا بىز بىلەن سۆھبەتلىشىشىنىمۇ قارشى ئالىمىز.

  بىز ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرىمىز، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىمىز، شۇنداقلا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغىمۇ قارشى تۇرىمىز.

  بىز ئىزچىل ئىككى قىرغاقتىكىلەر «بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇردۇق. بۇ بىرقانچە يىلدا تەيۋەن كارخانىلىرى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، نۇرغۇن تەيۋەن كارخانىلىرى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بۇنىڭدىن نەپ ئالدى. بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن داۋاملىق بەھرىلەندۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز.

  خەلق گېزىتى مۇخبىرى: يۇقۇم قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى بەزى قىيىن مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولدى، مەسىلەن، داۋالىنىش، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش، كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق مەسىلىلەر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈككە ئايلاندى، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزدى. سوراپ باقسام، ھۆكۈمەت قايسى تەرەپلەردىن قول سېلىپ، بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقچى؟

  لى كېچياڭ: بۇ يىل ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي چىقىمى بۇلتۇرقىدىن سەل ئاشتى، تەقسىملەشكە بولىدىغان بايلىق كىچىك ئەمەس، شۇڭا خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە، بولۇپمۇ مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش ساھەسىگە تېخىمۇ كۆپ مايىللىشىش كېرەك. ئەگەر كېيىنكى يېرىم يىلدا ئىقتىساد سىجىل ياخشىلانسا، مالىيە چىقىمى، جۈملىدىن قەرز چىقىمى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن بۇ ساھەلەرگە سېلىنىدۇ. بۇ شۇ يىللىق GDP نىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا روشەن بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە تىرەكلىك رول ئوينايدۇ. بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، خەلق ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يۆنىلىشى قىلىشى كېرەك.

  مائارىپ ۋە ساغلاملىق − ھەر بىر ئائىلە، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. مەن ئىككى يىغىندا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى: ھازىر ناھىيە، يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى كەمچىل، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى يۇقىرى ئەمەس، ئوقۇش تارىخىنى ئۆستۈرۈشىمۇ تەس، دېدى. بىز بۇ يىل قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ناھىيە، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى خىزمەتتە تۇرۇپ قولايلىق ھالدا ئوقۇش تارىخىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز، ئۇنۋان باھالاشتا مايىللىشىش سىياسىتىنى قوللىنىشىمىز كېرەك. شەھەرلەردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئالسىلا، ئۇلارنى تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ھەرگىز ئائىلە ئەھۋالى، رايوننىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك، بالىنى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇتتۇرغۇزۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. پۇرسەت ئادىللىقى ئىچىدە، مائارىپ ئادىللىقى ئەڭ چوڭ ئادىللىقتۇر.

  ساغلاملىق − بەختنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدۇر. ھازىر ناھىيە، يېزا ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كۈچى بىر قەدەر ئاجىز، نۇرغۇن كىشىلەر چوڭ شەھەرلەردىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا قاتراۋاتىدۇ. بۇ يىل بىز كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ناھىيە، يېزا دوختۇرخانىلىرى، شىپاخانىلارغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش دائىرىسى ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك دورىلىرىنى ئاتچوت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، دورا ۋە يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاممىغا ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە كۆپرەك قولايلىق يارىتىپ بېرىش، كېسەل داۋالىتىش يۈكىنى ئازايتىش كېرەك. بۇمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

  ياشانغانلارنى كۈتۈش، بالىلارنى يەسلىگە بېرىش جەھەتتە، ھۆكۈمەت يەنە ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مەھەللە مۇلازىمەت كەسپىنى يولغا قويۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە باج قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىپ قوللاپ، ئائىلىنىڭ ياشانغانلارنى كۈتۈش، بالىلارنى يەسلىگە بېرىش جەھەتتىكى يۈكىنى ئازراق يېنىكلىتىپلا قالماي، يەنە كۆپرەك ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كېرەك. قىسقىسى، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىكى ئىشلار ناھايىتى كۆپ، بىز تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلىشىمىز كېرەك. بىز ھازىر كەڭ دائىرىدە قاپلىغان، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق. ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىشتا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات داۋامىدا سەۋىيەنى سىجىل ئۆستۈرۈش لازىم، لېكىن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھەممە ئادەمگە، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە ئاساسىي داۋالىنىشقا قارىتا چوقۇم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى مۇخبىرى: جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىزدىن سوراپ باقاي، بۇ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «قورشاۋى»دا ئامالسىز قوللانغان مەلۇم خىل ئىستراتېگىيەلىك تارىيىشىمۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىچكى بازار بەرپا قىلغاندا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ چەت ئەل مەبلىغىگە قالدۇرۇلغان بوشلۇق كەلگۈسىدە بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتەمدۇ؟

  لى كېچياڭ: جۇڭگو مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، ئىچكى-تاشقى قوش ئايلىنىشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ھەم ئىچكى بازارنى زورايتىش بولۇش، ھەم ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىشىكنى تاقىۋېلىشنىڭ چىقىش يولى يوق. جۇڭگو ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىدۇ، بۇ، جۇڭگونىڭ ئۆز مەنپەئەتىنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا دۇنياغا پايدىلىق. جۇڭگو ئىچكى ئېھتىياج بازىرىنى زورايتىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنداقلا تاشقى مەبلەغ، چەت ئەل مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىگە غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. مەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، بىر كارخانىچى: ئىچكى ئايلىنىشنى تۇتۇش − دۆلەت ئىچى بازىرىنى ئېچىشتۇر، قوش ئايلىنىشنى تۇتۇش − خەلقئارا بازارنى ئېچىشتۇر، ئىككى بازارنى يەنە تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى ئاددىي-ساددا، لېكىن ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق بولدى.

  ئېچىۋېتىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا، بىر-بىرىگە تۈرتكە بولۇشىغا موھتاج. سەككىز يىل تىرىشىش ئارقىلىق، بۇلتۇر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەت، جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زىللاندىيە قاتارلىق 15 دۆلەت RCEP كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، بۇ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونى بولۇپ، بۇنى ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم، مەدەنىيەت ئادىتى، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدىكى دۆلەتلەر ئورتاق قۇرغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلغاندىلا، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى تېپىپ چىقىپ، ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بىز ئۆز رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشقا پايدىلىق بولسىلا، مەيلى كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك مېخانىزم بولسۇن، بىز پائال ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىنى تۇتىمىز.

  بىز ئىشىكنى سىرتقا يەنىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشتىكى پاسسىپ تىزىملىكنى داۋاملىق ئازايتىپ، مۇلازىمەتچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، نۇرغۇن چەت ئەل كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىز يەنە بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. قىسقىسى، كۆپ خىل تىرىشچانلىق ئارقىلىق، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش داۋامىدا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگونى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان مۇھىم مەنزىلگە، دۇنيانىڭ چوڭ بازىرىغا ئايلاندۇرىمىز.

  مۇخبىرلار يىغىنى تور سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاساسىي يىغىن مەيدانى خەلق سارىيىنىڭ 3-قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالغا، شۆبە يىغىن مەيدانى مېيدىيا ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىگە تەسىس قىلىندى. مۇخبىرلار يىغىنى تەخمىنەن 110 مىنۇت داۋاملاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ