مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىش سۆھبەت يىغىنى ۋە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.03.16 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىش سۆھبەت يىغىنى ۋە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش سەپەرۋەرلىك يىغىنى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى چۈشىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى زىچ چۆرىدەپ ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىشلىتىپ، مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا»، «ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال-جاۋابلار»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىسقىچە تارىخى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. پارتىيە تارىخى مەخسۇس لېكسىيەسىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش شانلىق مۇساپىسى، دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسى، باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي خەلقنى كۆزلەشتەك ئەسلىي مەقسىتى، ئاساسىي مەقسىتى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا شەكىللەنگەن مۇھىم، زور نەزەرىيە نەتىجىلىرى، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش جەريانىدا تاۋلىغان ئۇلۇغ روھى، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئېنىق سۆزلەپ، كادىرلار، ئاممىنى توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەزدىكى تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى يىغىنىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ