شى جىنپىڭ بېنگالنىڭ «دۆلەت ئاتىسى» مۇجىبۇر راخماننىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە بېنگال مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئاتاپ ۋىدېيودا سۆز قىلدى

2021.03.18 11:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-مارت بېنگالنىڭ «دۆلەت ئاتىسى» مۇجىبۇر راخماننىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە بېنگال مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئاتاپ ۋىدېيودا سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ خەمىد ۋە زۇڭلى ھاسىنادىن ھەم بېنگال ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەمدە ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 50 يىل ئىلگىرى مۇجىبۇر راخمان ئەپەندى بېنگال خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئۆزى قۇرۇپ چىققان. ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، ياخشى دوستى، جۇڭگودا ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگونىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى بىلەن دوستلۇق ئورناتقان. بىز پېشقەدەم رەھبەرلەرنىڭ جۇڭگو-بېنگال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو-بېنگال دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى ياخشى يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بېنگال مۇستەقىل بولغان 50 يىلدىن بۇيان، دۆلەت قۇرۇش يولىدا گەۋدىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. دوست قوشنىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بېنگال قەدىمدىن تارتىپ دوست قوشنىلار، قەدىمىي يىپەك يولى ئىككى دۆلەتنىڭ مىڭ يىللىق دوستلۇقىنىڭ گۇۋاھچىسى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 46 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.ھازىر جۇڭگو بىلەن بېنگال گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن «ئالتۇن رەڭلىك بېنگال» ئارزۇسى بىر-بىرىگە ماس كېلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بېنگالنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىپ، ئۆزئارا ياردەم بەردى، جۇڭگو كارخانىلىرى قاتناشقان بېنگالنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى، بېنگالنىڭ %97لىك باج تۈرىدىكى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىدىغان تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەمىناتى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو-بېنگال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، بېنگال بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-بېنگال ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايمەن.

  بېنگالنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا، خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان-ئېسەن بولۇشىغا، جۇڭگو-بېنگال دوستلۇقىنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ، مەڭگۈ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ