مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئورمان-ئوتلاقلارنى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى مەنبەدىن تېزلىتىپ، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى-مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2021.03.19 11:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا ئورمان-ئوتلاقلارنى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئورمان-ئوتلاقلارنى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ئورمان، ئوتلاقلارنىڭ ئەتىيازلىق ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەزگىلىگە كىردى. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەمدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن قۇتقۇزۇشنى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى فاڭجېن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورمان-ئوتلاقلارنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇشى ۋە ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى ھالقىلاردىكى مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكى ۋە ئورمان- ئوتلاقباشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلارنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەشۋىق-تەربىيە، كۆزىتىش-سىگنال بېرىش، ئوت مەنبەسىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇل خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى مەنبەدىن باشلاپ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، لايىھە سىستېمىسى ۋە كەسپىي قوشۇن قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوت ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئورمان-ئوتلاقلارنىڭ زور ۋە پەۋقۇلئاددە دەرىجىلىك ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى، ئورمان-ئوتلاقلارنى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش دۆلەتلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ۋاڭ يۇڭ 3- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئورمان-ئوتلاقلارنى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنىڭ مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش، ئورمان-ئوتلاقلارنى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورمان-ئوتلاقلارنى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئوت ئۆچۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور دەرىجىلىك ئوت ئاپىتى ۋە تالاپەت ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن بىخەتەر ۋە مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  ۋاڭ يۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، ئورمان-ئوتلاقلارنى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى سۈرۈشتۈرۈشتەك تەلەپلەر بويىچە، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. مەنبەدىن باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، دالا ئوت مەنبەسىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ ئوت ئىشلىتىشنى مەخسۇس تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش نۆۋەتچىلىكىنى چىڭىتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كۈچلىرى تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئوت ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ۋە ئىلمىي يوسۇندا بىر تەرەپ قىلىپ، بالدۇر زەربە بېرىش ۋە كىچىك ھالىتىدىن زەربە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىچىك ئوت ئاپىتىنىڭ چوڭ ئاپەت پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئورمان-ئوتلاقلارنى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى سىجىل راۋانلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئورمان-ئوتلاقلارنى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈشنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ