مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تانزانىيە زۇڭتۇڭى ماگۇفۇلىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تانزانىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى ھەسەنگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

2021.03.24 12:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تانزانىيە زۇڭتۇڭى ماگۇفۇلىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 3-ئاينىڭ 23-كۈنى تانزانىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى ھەسەنگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، تانزانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ھەم زۇڭتۇڭ ماگۇفۇلىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ماگۇفۇلى تانزانىيەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى ئىدى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو-تانزانىيە، جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا پائال تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ۋاپاتى تانزانىيە خەلقى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش، جۇڭگو خەلقىمۇ بىر ياخشى دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى. جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، تانزانىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ