مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

زۇڭلى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى

2021.03.18 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-مارت، گوۋۇيۈەن جۇڭنەنخەيدە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تەشكىلىي چارىسى»گە ئاساسەن، 2020-يىلى 9-ئايدىن 2021-يىلى 3-ئايغىچە گوۋۇيۈەن تەيىنلىگەن 29 تارماق ۋە ئورۇننىڭ 36 مەسئۇلى قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەردى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ئارقىدىن، قەسەم يېتەكچىسى ئاساسىي قانۇنغا قولىنى قويۇپ، قەسەم سۆزىنى ئوقۇدى، باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر ئارقا سەپتە سەپ تۈزۈپ ئۆرە تۇرۇپ، ئەگىشىپ قەسەم سۆزىنى ئوقۇدى.

  قەسەم بەرگەندىن كېيىن، لى كېچياڭ كۆپچىلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى قەتئىي قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇر ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىككىنچى، چىن دىلىدىن خەلققە بەخت يارىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بازار سۇبيېكتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى باش ئاغرىقى نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، جاسارەت بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەپەككۇرى ۋە چارىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى ۋە ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىش قىلىپ، ئۆتكەلگە سىجىل ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەلق رازى بولىدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. تۆتىنچى، پاك-دىيانەتلىك بولۇش، ئىنتىزامچان بولۇش، پەزىلەتلىك بولۇش، ئۆزىنى قەدىرلەش، تېجەشلىك بولۇش، خەلقنى بېيىتىش، پاك ئىش قىلىش لازىم. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن خەن جېڭ، سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، دۆلەت كومىسسارلىرىدىن ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ