ۋاڭ ياڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك

2021.03.18 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىش بىلەن مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قارىتىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ ئۆز ئارا بىرلىكىدە، ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن گەۋدىلىك مۇھىم نۇقتىلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ۋە مۇقىم ھالدا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ 14-مارتتىن 17-مارتقىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا بېرىپ، تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، تۇرپان، قومۇل، قىزىلسۇ، سانجى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، مەھەللە، مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، دىنىي سورۇن قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيەلىك كادىرلار، مۇتەخەسسىس-ئالىملار، ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە دىنىي زاتلار بىلەن بىرمۇ-بىر سۆھبەتلەشتى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، نۇرغۇن جاپالىق، ئىنچىكە خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك ئۇللۇق خىزمەتلەرگە، ھەمدە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەدبىرلەرنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئۇزۇن مۇددەت سىجىل، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخ تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساس، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى، دىنىي ئىلىمنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنى ئاچقۇچ، دىنىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىشنى تىرەك، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كاپالەت قىلىپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئورنىنى توغرا تېپىپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىش؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئورتاق بېيىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە چېگرانى قوغداشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو، يوۋ چۈەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ