مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى كىم جوڭئۇن بىلەن ئاغزاكى خەت ئەۋەتىشتى

2021.03.23 12:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەيىنلىشى بىلەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ تاۋ 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا كېلىشىۋالغىنى بويىچە چاۋشيەننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى لى لۇڭنەن بىلەن كۆرۈشتى.

  لى لۇڭنەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى كىم جوڭئۇننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يوللىغان ئاغزاكى خېتىنى يەتكۈزۈپ، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 8-قۇرۇلتىيىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇقتۇردى، جۇڭگودىكى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرغانلىقى ھەم ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىش كۈرىشىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى.

  كىم جوڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى دۇنيا ھەۋەس قىلىدىغان مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇرۇش، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش-مەن ھەم چاۋشيەندىكى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس مەيدانى. چاۋشيەن قەتئىي تۈردە چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر تەلىپى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىرادىسى، ئارزۇسى، تۈپ مەنپەئەتىگە ئاساسەن يۈكسىلىپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  سۇڭ تاۋ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش شۇجى كىم جوڭئۇنغا يوللىغان ئاغزاكى خېتىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 8-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى ھەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقى-ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ، ھەمدە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز چاۋشيەنلىك يولداشلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى مۇستەھكەملەپ ۋە ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، 100 يىللىق ئۆزگىرىش بىلەن ئەسىر يۇقۇمىنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىدە، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو چاۋشيەن ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە يېڭى ۋە پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ