باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن گايتىس فوندى جەمئىيىتى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

2013.04.08 08:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:مۇئاۋىن پەن تېخنىكا مىنىستىرى جاڭ لەيۋۇ 6-ئاپرېل خەينەن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2013-يىلى يىللىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن گايتىس فوندى جەمئىيىتى ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، تەتقىق قىلىش ۋە ئېغىر تارقىلىشچان كېسەل ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن گايتىس فوندى جەمئىيىتى 2011-يىلى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، پەن تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ يەر شارىدا يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يەر شارىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا بىرلىكتە كۈچ چىقارغان.

  جاڭ لەيۋۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئىككى تەرەپ ئاساسلىق زىرائەتلەر سورتىنى يېتىشتۈرۈش،يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تۇبېركۇليوز دورىلىرى، يۇلۇن سۈر ماددىسى ۋاكسىنىسى قاتارلىق ئالدىن ھەمكارلىشىدىغان يەتتە ساھەنى بېكىتتى.

  جاڭ لەيۋۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2013-يىلى پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن گايتىس فوندى جەمئىيىتى پەن تەتقىقات تۈرلىرى، فوند، يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ھەمكارلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}