- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جايلار H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى تۈزدى
2013.04.08 08:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئادەملەرنىڭH7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا قارىتا تۇشمۇ تۇشتىن جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، قاتتىق ئالدىنى ئالدى.
4-ئاپرېل كەچتە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا شاڭخەي شەھىرى تەكشۈرۈشكە يوللىغان كەپتەر ئەۋرىشكىسىدىن H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكۇمى ۋىرۇسى تەكشۈرۈپ چىقىلغان. گۈيجۇ، خۇنەن قاتارلىق جايلار قۇش زۇكۇمىنىڭ يېڭى ۋىرۇسىغا قارىتا تارقىلىشچان كېسەللەرنى نازارەت قىلىش قوشۇنىنى جىددىي تەربىيەلىدى، نىڭشيا H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكۇمى، سەۋەبسىز قوزغالغان ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنى دائىملىق تەكشۈرۈپ ئۆلچەش دائىرىسىگە كىرگۈزدى، كۈندە سەۋەبسىز قىزىغان كېسەللەردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈردى شۇنداقلا ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى باقمىچىلىقى، قۇشخانا، توشۇش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈردى.
جياڭسۇ ئۆلكىلىك كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى جىددىي تارقىلىشچان كېسەللەرنى كونترول قىلىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى باۋ چاڭجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىرۇسنى بايقىلىپ بىرقانچە سائەت ئىچىدە ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىشقان يېمەكلىكلەردە مەسىلە يوق، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: چوكانتال بايرىمى مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىلىرى سەپەرگە چىققاندا پەسىل قۇشلىرى قونالغۇسى ياكى نەم يەرلەردىن ئاگاھ بولۇشى، ياۋا قۇشلارغا يولۇققاندا بەك يېقىن بارماسلىقى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە