باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>18-قۇرۇلتاي

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 –قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى(1)

2012.12.13 08:24        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا جامائەتچىلىكى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ نېمە ئۈچۈن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ئېغىشماي ماڭىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشەندى.

  جۇڭگوغا نىسبەتەن قانداق يولدا مېڭىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى، خەلقنىڭ بەختى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمەلىيەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  بىرازىلىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئاررۇدا جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم يولىدا قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقيەتلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۆزگىچە تەرەققىيات يولىنى تاللىدى ھەم شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى پارتىيە–گۇرۇھلارنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى گرۇند مۇنداق دېدى: بىز ئوخشمىغان سىستېما بويىچە ئۆزئارا رىقابەتلىشىۋاتقان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، غەربىي ياۋروپادا يولغا قويۇلۋاتقان دېموكراتىك تۈزۈم ئىزچىل ئۈنۈم بەرمىدى، «ھاۋا ئوچۇق بولغاندا، بۇ تۈزۈم رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ. لېكىن، ھاۋا تۇتۇلغاندا، گىرېتسىيەدەك دۆلەتتىمۇ (قەرز كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن) مەسىلە كۆرۈلىدۇ››.

  ئۇلۇغۋار پىلان دۇنياغا مەدەت بەردى

  جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار تەرەققىيات پىلانى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ئارقىلىق، خەلقئارا جامائەتچىلىكىگە ئېنىق نامايان بولدى، بولۇپمۇ قۇرۇلتايدا 2020–يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلسا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈپلا قالماستىن، باشقا دۆلەتلەرگىمۇ نۇرغۇن ھەمكارلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدا بۇ نىشانغا ئاساسەن، پارتىيە 16–ۋە 17–قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى ئاساسىدا، يېڭى باسقۇچتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات توغرىسىدا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يېڭى تەلەپلەر خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە