مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭدا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ۋىۋىسكا-بەلگىلەر قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

ھەممە دۇكاننىڭ ۋىۋىسكىسى ئوخشاش بولۇشتىن ساقلىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2020.11.27 18:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇنىڭدىن كېيىن، بېيجىڭدا دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكا-بەلگىلىرى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. 26-نويابىر بېيجىڭ شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-قېتىملىق يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭدا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ۋىۋىسكا-بەلگىلەر قېلىپلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن ساقلىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، بېيجىڭدىكى بەزى چوڭ كوچىلاردا، بىر قىسىم دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكا-بەلگىلىرىنىڭ شەكلى بىردەك بولۇپ، خەت شەكلى، رەڭگىمۇ ئوخشاش ئىدى... ھەممە دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكا-بەلگىلىرى ئوخشاش بولۇش مەسىلىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كوچىلادىكى ئېلان ئەسلىھەلىرى، ۋىۋىسكا-بەلگىلەر ۋە لوزۇنكا، تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تەسىس قىلىشنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھە)»دە، ۋىۋىسكا-بەلگىلەرنى تەسىس قىلغاندا ئەتراپتىكى مەنزىرىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك لايىھەلەش بار بولۇش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن ساقلىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى شەھەر قۇرۇلۇشى مۇھىت ئاسراش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى خاۋ جىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى زەنجىرسىمان تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ ماركىنى پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى ۋە ۋىۋىسكا- بەلگىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلېمېنت ئالاھىدىلىكىنى ساقلاشتىكى رېئال ئېھتىياجى كۈچلۈك، شۇڭا نىزام لايىھەسىدە مۇنداق بايان قىلىندى: «زەنجىرسىمان تىجارەت كارخانىلىرى ئوخشاش بىر ماركىنىڭ لايىھە ئۇسلۇبى، رەڭ ئۇسلۇبىدا ياسالغان ۋىۋىسكا بەلگىلىرىنى قوللانسا ھەمدە ئىمارەتنىڭ سىرتقى تىك كۆرۈنۈشى، كوچا مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى، ئەتراپتىكى مەنزىرە بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىشنى ساقلىسا بولىدۇ.»

  بۇنىڭدىن باشقا، نىزام لايىھەسىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كوچاا ئېلانى ئەسلىھەسىنى ئورناتقاندا ئىمارەتنىڭ ئۈستى قىسمىغا قويۇشقا ياكى سىرتقى ئىزنا سىزىقىدىن ھالقىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ئىمارەت، قۇرۇلما، خەتەرلىك ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە قانۇنغا خىلاپ باشقا ئەسلىھە، خەتەرلىك ئەسلىھە ئۈستىگە قۇرۇشقا بولمايدۇ. تاسادىپىي ئاممىۋى ۋەقە يۈز بەرگەندە، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن، جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى كوچا ئېلان ئەسلىھەسىنىڭ ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسىدىن ئۆزى تەسىس قىلغان ئېلېكتىرونلۇق كۆرسىتىش قۇرۇلمىسىدىن پايدىلىنىپ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئىگىدار ياكى باشقۇرغۇچى تەلەپ بويىچە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك، ۋەھاكازالار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ