خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى-ئىنتېرنېت تەرەققىيات مۇنبىرى 23-نويابىر جېجياڭنىڭ ۋۇجېن بازىرىدا باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا ۋە ئۇ رەقەملىك تېخنىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش، تور مائارىپى، ھەمبەھىر سۇپىسى، ھەمكارلىشىپ ئىش بېجىرىش قاتارلىقلار كەڭ قوللىنىلدى، ئىنتېرنېت ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلقئارا مىقياسىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇچۇر ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈپ، رەقەملىك ھەمكارلىقتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، تور بىخەتەرلىكى يېڭى ئەندىزىسى ۋە تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ