مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.11.25 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-نويابىر كەچتە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن، مەن سىز بىلەن بىرگە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتىم، بىز كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنى قايتا گۈللەندۈرۈش، دۇنياۋى خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدۇق. نۆۋەتتە ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارىدىكى بەزى رايونلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سىنىقىغا دۇچ كەلدى، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا بىرگە تاقابىل تۇرۇش يەنىلا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن ۋاكسىنىغا ئالاقىدار ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنىنى يەر شارى ئاممىۋى مەھسۇلاتى سۈپىتىدە ئادىل تەقسىم قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى نەپلەندۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە جانلىق ئۇسۇل ئارقىلىق ئالاقىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو پائال تۈردە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتمەكتە، بۇ گېرمانىيەگە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. بىز گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا داۋاملىق ئېچىۋېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشىنى، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ، تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئاساسى رىتىمىنى باشتىن ئاخىرغىچە ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. مەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىدە ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ياخشى پىلانلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە تېخىمۇ دۇنياۋىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىككە ئىگە بولدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆپتەرەپچىلىكنى قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. بۇ يىل 9-ئايدا مەن سىز ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى رەئىسى بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشكەندە، بىز نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. نۆۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو ياۋروپا بىلەن كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو-ياۋروپا زور قارالمىسى ھەققىدە داۋاملىق تۈردە يېقىندىن ئالاقىدە بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇھىت ۋە كىلىمات، ھەمدە رەقەملىك سۆزلىشىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا يېشىل ۋە رەقەملىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۇنيادا زور ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، ياۋروپا ئىككىنچى قېتىملىق يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادنى باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ، گېرمانىيە كارخانلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ياخشى خەۋەر. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ۋاكسىنا ھەمكارلىقىدا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سودىدا مەبلەغ سېلىش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گېرمانىيە جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋەت كېلىشىمى» ھاسىل قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، ھەمدە جۇڭگو بىلەن بىرگە تېخىمۇ تىرىشىپ، مۇشۇ يىل ئىچىدە ياۋروپا-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ تاماملىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشانى ۋە ئارزۇسىنى جاكارلىغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ ۋە جۇڭگو بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن كېيىنكى باسقۇچلۇق گېرمانىيە-جۇڭگو، ياۋروپا-جۇڭگو مۇھىم سىياسىي قارالمىسى ھەققىدە داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ. مەن گېرمانىيە-جۇڭگو، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ