مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسى

2020.11.24 18:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئېلىمىز پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان تارىخىي پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولغان، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى روشەن ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى تارىخىدا مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇشتەك مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، مەۋقەنى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەمدە تارىخ بىلەن رېئاللىق تۇتىشىش، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچى باغلىنىش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلۈش جەھەتتىن يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قانداق يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

  شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى مول، بايانى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسىدۇر، ئۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ