مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى

2020.11.24 18:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ: «بىز قول تۇتۇشۇپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى ئورتاق كۈچەيتىپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئورتاق كېڭەيتىشىمىز كېرەك»، دەپ تەكىتلىدى. «ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشكە كۈچ چىقىرىش»، «ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشكە كۈچ چىقىرىش»، «ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش» مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كەڭ تارقىلىشى دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى تېزلەتتى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۇراقسىز، ئېنىقسىز ئامىللىرى كۆپەيدى، لېكىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش يۈزلىنىشى ئۆزگەرگىنى يوق. ئورتاق ئېچىۋېتىش − ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىشى ئورتاق ئېچىۋېتىشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويسا، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش، كۆپ تەرەپلىك ئېچىۋېتىش، رايونلارنى ئېچىۋېتىش قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئورتاق ئېچىۋېتىش داۋامىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىپ، ئورتاق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئورتاق قائىدە تۈزۈپ، ئورتاق ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇپ، قول تۇتۇشۇپ تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان، ئوچۇق تەرەققىي قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان خەلقئارا مۇھىت يارىتىدۇ.

  كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، دۆلىتىمىز ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى، ئېشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ ئىچكى-تاشقى بازار ئۇلىنىش، ئامىل بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بازىرىنى دۇنيا بازىرى، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان بازار، كۆپچىلىكنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ، كۆپ تەرەپ، رايون ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ئېچىۋېتىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز تەقدىم قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ