مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش

___ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ «پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كۇرسانتلار مۇنبىرى» توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2020.11.24 18:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) بىلىم ئاشۇرۇش 1- بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى» ئالىي تەتقىقات كۇرسى (4-قارار) ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كۇرسانتلار مۇنبىرى» يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جىمىن مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى − دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقاندا ئېچىلغان ئومۇمىيلىققا، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى قەدەم تاشلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلى ۋە كەلگۈسى 15 يىلغا نەزەر سالساق، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرساقلا، يېڭى مۇساپىدە بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە توسالغۇلارنى چوقۇم يېڭىپ، داۋاملىق يېڭى، تېخىمۇ چوڭ مۆجىزە يارىتالايمىز.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ليۇ خەيچۈەن مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش − ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى قايتا بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سىستېمىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىشتۇر. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلانما يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش لازىم؛ تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم؛ ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ