مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2020.11.25 17:47 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا زىچ تايىنىش كېرەك. دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭىدىن دەۋر شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك

  لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى

  11-ئاينىڭ 24-كۈنى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى

  ■ شان-شەرەپ ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ، بەخت ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ. سوتسىيالىزم ئىشلەپ يارىتىلغان، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى مىللەتنىڭ سەرخىللىرى، خەلقنىڭ ئۈلگىلىرى، جۇمھۇرىيەتنىڭ تۆھپىكارلىرى

  ■ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھى ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنىڭ جانلىق ناماياندىسى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بوران-چاپقۇندىن قورقماي، دادىللىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ

  ■ ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىشچىلار سىنىپى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىك سىنىپى بولۇپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇن. دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، قەتئىي ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى، ياخشى غوجايىن بولۇپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك

  ■ تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق ئەمگەك چوڭ قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما ئۆمۈربويى ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇپ، تىرىشىپ تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىلنى ئاشۇرۇپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك

  ■ ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. (سۆزىنىڭ تولۇق تېكىستىنى خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى ئىككىنچى بېتىدىن كۆرۈڭ)

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شان-شەرەپ ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ، بەخت ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ. سوتسىيالىزم ئىشلەپ يارىتىلغان، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى مىللەتنىڭ سەرخىللىرى، خەلقنىڭ ئۈلگىلىرى، جۇمھۇرىيەتنىڭ تۆھپىكارلىرى. دۆلىتىمىز خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت، پارتىيە ۋە دۆلەت باشتىن-ئاخىر جان-دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇردى، باشتىن-ئاخىر ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئورنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باشتىن-ئاخىر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا زىچ تايىنىش كېرەك. دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭىدىن دەۋر شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، يىغىن باشلاندى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. قاراردا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2015-يىلىدىن بۇيان، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە بىر تۈركۈم ئىش ئورنىنى سۆيىدىغان، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشىدىغان ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر مەيدانغا كەلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1689 كىشىگە مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دەپ نام بېرىشنى، 804 كىشىگە مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

  شادىيانە مۇزىكا ئاۋازى ئىچىدە، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى تەرتىپ بويىچە رەئىس سەھنىسىگە چىقتى، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئۇلارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

  جۇڭگو ئاۋىياتسىيە موتورى گۇرۇھى شېنياڭ لىمىڭ ئاۋىياتسىيە موتورى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئالىي تېخنىكى خۇڭ جياگۇاڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن تەشەببۇسنامە ئوقۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىدىن تىرىشىپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان باشلامچى، يېڭى تۆھپە يارىتىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئاساسىي قوشۇن، ماھارىتى يۇقىرى، قابىلىيىتى كۈچلۈك كۈرەش قىلغۇچى، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشلامچى بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

  شى جىنپىڭ پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە بارلىق ئەمگەكچى ئامما ۋەتەن بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، «بىز ئىشچىلار كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان» دېگەن ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭراتتى، ھەر قايسى سەپلەردە قەھرىمانلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، چولپانلار چاقناپ تۇردى. بولۇپمۇ يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە بارلىق ئەمگەكچى ئامما جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تىرىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتا جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرى ئارقىلىق ئەمگەك شەرەپلىك، بىلىم يۈكسەك، ئىختىساسلىقلار قىممەتلىك، ئىجادىيەت ئۇلۇغ دېگەن ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتىپ، «جۇڭگو ئارزۇسى − ئەمگەك گۈزەللىكى»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەنلەر روھىنى كۈچلۈك نۇرلاندۇرۇش كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەنلەر روھى __ ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بوران-چاپقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئەمگەك __ بارلىق بەختنىڭ مەنبەسى. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئېلىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە بارلىق ئەمگەكچى ئامما داۋاملىق ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغار بولۇشقا ئىنتىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ ئالىيجاناب روھى، ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئۆزلىرىگە تۈرتكە قىلىپ، جاپالىق ئەمگەك، سەمىمىي ئەمگەك، ئىجادىي ئەمگەكنى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت ئەمگەكنى قەدىرلەپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دېگەن ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشى؛ ئەمگەك ئارقىلىق بەخت يارىتىش باش تېما قىلىنغان تەشۋىقات-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىدىغان، ئەمگەك قىلىشقا ماھىر يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەرنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يېتىشتۈرۈشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى ئاممىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىشچىلار سىنىپى دۆلىتىمىزدىكى رەھبىرى سىنىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن. ئېلىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى ئامما قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك. مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا قارىتىپ، ئەمگەك ۋە ماھارەت مۇسابىقىسىنى كەڭ، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىشى؛ تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ياخشى، مىللەت ياخشى بولسا، كۆپچىلىكنىڭ ئاندىن ياخشى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئومۇمىيەتنى ئاڭلىق قوغداپ، ئومۇمىيەتكە ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىشى؛ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ باشقا ئەمگەكچىلەر ئاممىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى مۇستەھكەم تايانچ كۈچى بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. ئېلىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى ئامما ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇشى، ئىجتىھات بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەخلاق يېتىلدۈرۈشى، ئەقىل-پاراسىتىنى ئاشۇرۇشى، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشى؛ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تېخنىكا ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى؛ تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيەلەش، ئىشلىتىش، باھالاش، سىناش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈشى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتى، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش جاسارىتى، جۇشقۇن يۇقىرى ئۆرلەش جاسارىتىنى نامايان قىلىشى؛ كەسپىي ئىشچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غايىلىك، ئېتىقادى چىڭ، تېخنىكا بىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، دادىل تۆھپە قوشىدىغان كەسپىي ئىشچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە سەھىيە شارائىتىنى ياخشىلاپ، بارلىق ئەمگەكچىلەرنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەڭ يارىتىش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق تەڭ بېيىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى ھوقۇق قوغداش مۇلازىمىتى مېخانىزمى، ئەمگەك قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى قانۇن ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

  بۇ يىل دەل جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى، شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پېشقەدەم ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرى، بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاكتىپلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 95 يىلدىن بۇيانقى نەتىجە ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىشچىلار سىنىپىغا جان-دىل بىلەن تايىنىش فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىش لازىم.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىشچىلار سىنىپى ۋە بارلىق ئەمگەكچى ئاممىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا يۇقىرى باھا بەردى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ ئاجايىپ تۆھپىسى ۋە ئالىيجاناب روھىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە جاپادىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن ماختىدى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەنلەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى ئاممىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر قوشۇنى قۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش لازىم، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە. ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، خۇ چۈنخۇا، خۇاڭ كۇنمىڭ، يوۋ چۈەن، جاڭ چۈنشيەن، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جاڭ چىڭلى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىللىرى، 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ