مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئورتاق كېڭەيتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.11.24 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  رەئىس شى جىنپىڭ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىز قول تۇتۇشۇپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى ئورتاق كۈچەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئورتاق كېڭەيتىشىمىز لازىم»، «بىز جۇڭگو بازىرىنى دۇنيا بازىرى، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان بازار ۋە كۆپچىلىكنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم سۆزلىرى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى ئورتاق كۈچەيتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئورتاق كېڭەيتىشتىن ئىبارەت دەۋر ساداسىنى ياڭرىتىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى كۈچلۈك نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  2008-يىلى خەلقئارادا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قىيىن ۋە ئەگرى-توقاي بولۇپ كەلدى، تۈرلۈك قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەر ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ كەلدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا كەڭ تارقىلىشى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشى بىلەن، دۇنيا داۋالغۇشچان ۋە ئۆزگىرىشچان بىر مەزگىلگە كىردى، بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىكنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەھدىت پەيدا قىلىشى بىلەن، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئايلىنىشى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىدى، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. ھەمكارلىشىش كېرەكمۇ ياكى قارشىلىشىش كېرەكمۇ، ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بېكىنمىچىلىك قىلىش كېرەكمۇ؟ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەكمۇ، ياكى قوشنىلارغا ئورا كولاش كېرەكمۇ؟ بۇ مەسىلىلەردە خەلقئارا جەمئىيەت يەنە بىر قېتىم نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشنى بىلەلمەيدىغان تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئورتاق كېڭەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەشەببۇسى «ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بېكىنمىچىلىك قىلىش كېرەكمۇ؟ ئىلگىرىلەش كېرەمۇ ياكى چېكىنىش كېرەكمۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت بۇ خىل دەۋر سوئاللىرىغا ئېنىق جاۋاب بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

  جۇڭگو ئىزچىل رەۋىشتە ئورتاق ئېچىۋېتىشنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزمەكتە. بۇ قېتىمقى ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ زور بولدى، يارقىن نۇقتىلار ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، ھەمدە «كۈچلۈك بىر ماگنېت مەيدانى» ئېففېكتىنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى. بۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بازار پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك سەمىمىي ئارزۇسىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ.» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ