مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنى بولۇش لازىم

2020.11.27 18:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «كارخانىچىلار كارخانىلارنى يېتەكلەپ، نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ئۈچۈن، ۋەتەننى سۆيۈش، يېڭىلىق يارىتىش، سەمىمىي بولۇش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە خەلقئارا نەزەر قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇش كېرەك.» بۇ مۇھىم بايان يېڭى دەۋردىكى كارخانىچىلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە زور بىر تۈركۈم كارخانىچىلار مەيدانغا كېلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىي مۇساپىسىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىلار دۇنيا ئىقتىساد سەھنىسىگە چىقىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «كارخانا تىجارىتىنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، كارخانىچىلارنىڭ ۋەتىنى بار». دۆلەت ياخشى، مىللەت ياخشى بولسا، كارخانا ياخشى بولىدۇ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى دۆلەت، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كارخانىچىلار دۆلەت، مىللەتكە بولغان يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەلپازى يامانلىشىپ، پۈتۈن يەر شارىغا يامراپ، دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىمۇ زەربىگە ئۇچرىدى. بېسىم ۋە خىرىس ئالدىدا، ئېلىمىز كارخانىچىلىرى قىيىنچىلىقتىن قورقماي توختاپ قالمىدى، بەلكى چىشىنى چىشلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھازىرقى زامان كارخانىچىلىرىنىڭ روھىي پەزىلىتى ۋە ئائىلە دۆلەت ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى. كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئاساس ۋە ئالدىنقى شەرت قىلىپ، زېھنىنى ئاساسىي كەسىپكە قارىتىپ ئوقەتچىلىك قىلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىيىتىگە قويۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ