مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ياشانغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا سەۋەبىدىن نومۇر ئالالماسلىقىغا، كېسەل كۆرسىتەلمەسلىكىگە ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2020.11.27 18:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ياشانغانلار ساغلاملىقى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خەيدۇڭ 26-نويابىر گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا: «بىز ياشانغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا سەۋەبىدىن نومۇر ئالالماسلىقىغا، كېسەل كۆرسىتەلمەسلىكىگە، ئىش بېجىرەلمەسلىكىگە ھەرگىز يول قويمايمىز» دېدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكىنى ئىشلەتمەيدىغان ۋە ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان ياشانغانلارغا قارىتا، داۋالاش ئاپپاراتلىرى چوقۇم نەق مەيداندا نومۇر ئېلىش، ھەق تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق ئادەملىك مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىنى ساقلاپ قېلىشى ھەمدە داۋالىنىش يېتەكچىسى، پىدائىيلار، ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر قاتارلىقلارنى سەپلەپ، ياشانغانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشقا قولايلىق يارىتىپ بەردى، ئەمما بەزى ياشانغانلارنى «يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن» ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، ۋاڭ خەيدۇڭ «ئىككى پۇت بىلەن مېڭىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكىنى ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «ساغلاملىق كودى» بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىش ھالقىسىدا، ۋاڭ خەيدۇڭ «ساغلاملىق كودى»نى دوختۇرخانىغا كىرىشنىڭ بىردىنبىر ئىسپاتى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، باشقا ئۇسۇللارنى ساقلاپ قېلىپ، تەكشۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەسىلەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلەتمەيدىغان ياشانغانلار ئىناۋەتلىك سالاھىيەت ئىسپاتى ياكى قەغەز ئىسپات قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدۇ. شارائىتى بار جايلار ۋە سورۇنلارنىڭ ياشانغانلارغا «ساغلاملىق كودى يوق» يول ئېچىپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

  نومۇر ئېلىش ھالقىسىدا، ۋاڭ خەيدۇڭ ياشانغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ياكى ئائىلە كېلىشىم ئىمزالىغان دوختۇرلارنىڭ ياشانغان بىمارلارغا ۋاكالىتەن نومۇر ئېلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، «بۇ يولنى چوقۇم ساقلاپ قېلىش كېرەكلىكى، يەنە بۇ يولنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەكلىكى»نى بىلدۈردى.

  داۋالىنىش ھالقىسىدا، ۋاڭ خەيدۇڭ توردا كېسەل كۆرۈشنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئاۋازلىق مەسلىھەت بېرىش، يېتەكلەش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، ياشانغانلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە ئەڭ زور كۈچ بىلەن قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتە ياشانغانلارغا دوستانە داۋالاش ئاپپاراتى قۇرىدۇ ھەم ئەقلىي تېخنىكا ئارقىلىق ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ مېخانىزم ئورنىتىپ، تەربىيەلەش ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلارنى ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى ئىشلىتەلەيدىغان، ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ