مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم

2020.11.26 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)دە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ قىلىندى. بۇ مۇھىم پىرىنسىپنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش − بىزنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلى − ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان بىرىنچى بەش يىل بولۇپ، ئىشنى ياخشى باشلاش-باشلىيالماسلىق، قەدەمنى ياخشى تاشلاش-تاشلىيالماسلىق ئىنتايىن مۇھىم. نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىستا يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق روشەن كۆپىيىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى، لېكىن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى تەلەپلەرنى كۈچەپ قاندۇرۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش شەرت. مۇشۇنداق چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. پارتىيە − ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى بولسىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يول باشلاپ رول تۇتسىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم كېمىسى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ