مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇلدى

خەن جېڭ قاتناشتى

2020.11.26 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەتقىق قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ باش تېمىسى مۇھىم، زور، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور بولۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېتەكچىلىك ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قانداق يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، ئۇ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  بىرىنچى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىش كېرەك. قانۇنچىللىق ئارقىلىق مەمۇرىي ھوقۇققا قائىدە بېكىتىپ، چەك-چېگراسىنى ئايرىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ چېگراسىنى يەنىمۇ ئايرىپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ئىقتىدارلىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەت ئىجادىيەت كۈچىنى تېخىمۇ زور ئۇرغۇتۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەمۇرىي ھوقۇققا بولغان چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، مەمۇرىي قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، قانۇن-نىزام، قائىدە-تۈزۈم تۈزۈشتە ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىپ ھەم سىستېمىلىق، مۇكەممەل، ھەم ئاددىي چۈشىنىشلىك، ئوڭاي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات، تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قانۇن-نىزام، قائىدە-تۈزۈم ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا تازىلاش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مەمۇرىي تەدبىرلەرنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن-نىزام، قائىدە-تۈزۈم، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت تۈزۈش ۋە تۈزىتىش جەريانىدا كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش، بولۇپمۇ بازار سۇبيېكتى ۋە خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىشلىقلىرىدا كارخانا، ساھە جەمئىيىتى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، ئاممىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاش ۋە قوبۇل قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارىلاش، قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى خاتىرىلەش تۈزۈمى، مۇھىم، زور قانۇن ئىجراسى قارارىنى قانۇن-تۈزۈم جەھەتتىن تەكشۈرۈش-بېكىتىش تۈزۈمىدىن ئىبارەت «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قانۇن-نىزام، قائىدە-تۈزۈم ئاساسى يوق ياكى زۆرۈر بولمىغان، گىرەلەشمە تەكرار مەمۇرىي قانۇن ئىجرا ئىشلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا سەمىمىي بولۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت لەۋزىدە تۇرۇش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنچىللىقنى قەدىرلەپ، قانۇندىن ھېيىقىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، قانۇن قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ پاكلىقىنى ساقلاپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان قىلىشنى قەتئىي تۈزىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇننى ھۆرمەتلەيدىغان، قانۇننى ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  خەن جېڭ، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ