مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-ئېفىئوپىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئېفىئوپىيە زۇڭتۇڭى ساخل ۋورك بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

2020.11.25 17:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 24- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېفىئوپىيە زۇڭتۇڭى ساخل ۋورك زەۋدە بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئېفىئوپىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مۇستەھكەم بولۇپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ماسلاشتى. يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە ئىتتىپاقلىشىپ قارشى تۇرۇش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. مەن جۇڭگو-ئېفىئوپىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ھەمدە زۇڭتۇڭ ساخل ۋورك بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە ئىتتىپاقلىشىپ قارشى تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

  ساخل ۋورك تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 50 يىلدىن بۇيان، زىچ ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا، ئېفىئوپىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، ھەمدە كەلگۈسىدە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس تىكلەندى. مەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەختىنى كۆپەيتىشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ