مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2021-يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

2020.11.26 18:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2021-يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتتى، ئۇقتۇرۇشنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

  گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2021-يىللىق يېڭى يىل، چاغان، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۇەنۋۇ چاغىنى، جوڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، ئارام ۋاقتىنى تەكشەش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.

  بىرىنچى، يېڭى يىل: 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  ئىككىنچى، چاغان: 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 2-ئاينىڭ 7-كۈنى (يەكشەنبە)، 2-ئاينىڭ 20-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، چىڭمىڭ بايرىمى: 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  تۆتىنچى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى (يەكشەنبە)، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  بەشىنچى، دۇەنۋۇ بايرىمى: 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  ئالتىنچى، جوڭچيۇ بايرىمى: 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 18-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  يەتتىنچى، دۆلەت بايرىمى: 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 26-كۈنى (يەكشەنبە)، 10-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدە جايلار، تارماقلار دىجورنىلىق ۋە بىخەتەرلىك، قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە يولۇققاندا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ بايرامنى تىنچ، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى

  2020-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى




  جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى 25-نويابىر «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2021-يىللىق قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 2021-يىلى «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا 2020-يىلى «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىكى «بەش كۈنلۈك ئارام» كۈنى ئەندىزىسى داۋاملاشتۇرۇلۇپ 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  ئەمگەكچىلەر بايرىمى دەل ئەتىياز بىلەن يازنىڭ ئالمىشىشىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ھاۋا يېقىشلىق بولىدۇ، نۇرغۇن ئامما باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشنى، تۇغقان يوقلاشنى، ئارام ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ ساداسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ مەنبەلەشكەن، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز 2019-يىلى «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە تۆت كۈن دەم ئېلىشنى 2020-يىلى «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا تەڭشىدى.

  دەم ئېلىش كۈنى ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئىچكى بازار يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنىڭ مۇھىم كۆزنىكى بولۇپ قالدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە 2020-يىلى «1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ئىچكى ساياھەتچى 115 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئىچكى ساياھەت كىرىمى 47 مىليارد 560 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ