خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوسېف بايدېنغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە قول تۇتۇشۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشنى ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن كامالا خاررىسقا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ